تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر لى دۇڭدۇڭ خەۋىرى): يول قۇرۇلۇشىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەيشەن كوچىسى–زىياڭخۇ شىمالىي يولى يول ئېغىزىدا قورشاپ تۇرۇپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، تەيشەن كوچىسى-زىياڭخۇ شىمالىي يولى يول ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئەتراپتىكى باشقا يوللاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتى تۇدۇڭخابا رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئاساسلىق غول يول ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، تەيشەن كوچىسى-زىياڭخۇ شىمالىي يولى يول ئېغىزىدا قورشاپ تۇرۇپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىنغان يول بۆلەكلىرى ۋە ئەتراپتىكى يوللاردا قاتناش چەكلىنىدۇ ۋە ئېقىمغا بۆلۈنىدۇ.
تۇدۇڭخابا رايونلۇق قاتناش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى تەن گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش 5-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، تەيشەن كوچىسى-زىياڭخۇ شىمالىي يولى يول ئېغىزىنىڭ غەربىدىكى يېرىم يولدا پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، يول ئېغىزىنىڭ شىمال تەرىپىدە شەرقتىن غەربكە پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولى ساقلاپ قېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلىدىكى تەيشەن كوچىسى-زىياڭخۇ شىمالىي يولى يول ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار خۇاڭشەن كوچىسى، سايرام كۆلى يولى، لۇشەن كوچىسى قاتارلىق يوللاردىن ئايلىنىپ ئۆتسە بولىدۇ.
قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى غول يول ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرلىرى قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشىلىدۇ، قاتناش ساقچىلىرى شوپۇرلار ۋە ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، قاتناش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھەمدە قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، مەدەنىي سەپەرگە چىقىشىنى ئەسكەرتتى.