تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«غازغا قاراپ بېرىش ئورنى»نىڭ بېيىشى تېز بولدى

      5-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شى 125-تۇەن 10-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى شياۋ جاۋبىڭ كاتەكتىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان 3000 دىن ئارتۇق غاز چۈجىسىگە دان بەرمەكتە. غاز چۈجىسىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئون يىللىق غاز بېقىش تەجرىبىسىگە ئىگە شياۋ جاۋبىڭ باقمىچىلارغا ۋاكالىتەن غاز چۈجىسى باقتى. غاز چۈجىسى تۇخۇمدىن چىقىشى بىلەنلا، باقمىچىلار شياۋ جاۋبىڭغا ۋاكالىتەن بېقىپ بېرىش ئۈچۈن تاپشۇردى، شياۋ جاۋبىڭ غاز چۈجىسى تەبىئىي تېمپېراتۇرا ۋە مۇھىتقا ماسلاشقاندىن كېيىن ئاندىن باقمىچىلارغا قايتۇرۇپ بەردى، بۇ ئارىلىقتا ئۇ باقمىچىلاردىن ۋاكالىتەن بېقىش ھەققى ئالدى. 7-شىنىڭ 4-تۇەنى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى، بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى باقمىچىلار ئۇنى غاز چۈجىلىرىنى ۋاكالىتەن باقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن «غازغا قاراپ بېرىش ئورنى» قۇرۇلدى، بىر يىلدا ئەتىيازدىكى ئىككى ئايدا بەش تۈركۈم، ھەر تۈركۈمدە 1000 دىن 3000 غىچە چۈجە بېقىپ، 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ۋاكالىتەن بېقىش ھەققى ئالدى.

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى