تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«جۇڭگودىكى ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ياخشى جاي» ئارىشاڭ ناھىيەسىنىڭ بەزى جايلىرى پەقەت ئارىشاڭلا ئەمەس

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن): 5-ئاينىڭ 19-كۈنى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارىشاڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، بۇ «ئارىشاڭ» دەپ ئاتالغان ناھىيەنىڭ «دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» ۋە «دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئارامگاھى»نى قانداق قىلىپ پائال بەرپا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

  ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا بورتالا ۋوگزالىغا كېلىپ، يەنە بورتالادىن بىر سائەت ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئارىشاڭ ناھىيەسىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 500 مېتىردىن 1300 مېتىرغا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، چۆل-جەزىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت يولى 219 لىنىيەسىنىڭ ئەتراپى بۈك-باراقسان ئۆسكەن يانتاقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى، قېلىن بۇلۇتلار تاغ چوققىسىدا «ئېسىلىپ» تۇراتتى، قارىماققا ئاسمان بىلەن زېمىن تۇتىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. ئىككى تەرىپىدىكى ئالاتاۋ تېغى بىلەن بېيجېنتاۋ تېغى ئاستا-ئاستا يىغىلغان بىر جۈپ قولغا ئوخشايدىغان بولۇپ، كېسىشكەن جايى دەل ئارىشاڭ ناھىيەسى.

  ناھىيە بازىرىغا كىرگەندىلا، بۇ يەرنىڭ «جۇڭگودىكى ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ياخشى جاي» دەپ نامى چىققانلىقىغا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃20 ئەتراپىدا بولۇپ، سالقىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، ئۈچ تەرەپنى تاغ تىزمىسى ئوراپ تۇراتتى، شەھەر ئىچىدە 58 مىڭ مولۇق تەبىئىي سۇلۇق يەر بار بولۇپ، بوغدا تېغىدىكى ئورمان باغچىسىغا يېقىن، قىزىل يوپۇرماقلىق تاشئالما، چوڭ يوپۇرماقلىق قارىياغاچ، ئەگرى سۆگەت قاتارلىق مەنزىرە ئورمانلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ بىر تەبىئىي ئوكسىگېن بايلىقى مول جاي. ياشاش مۇھىتىغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان «تىرىك تاشقاتما» شىنجاڭ سەمەندەرىنىڭ ھازىرغىچە يەنىلا بۇ يەردە ھايات كەچۈرۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بورتالا ئوبلاستى ۋە ئارىشاڭ ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى دالا ھەشەمەتلىك مېھمانساراي داڭلىق ماركىسى كېلۇگې لاگىرى بۇ يەرگە ماكانلاشتى، يەرلىك مېھمانساراي، پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىقلار ئارىشاڭ بايلىقى، سوغۇق سۇ بېلىقى خاس مەھسۇلاتى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسىگە تايىنىپ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش