تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ياز كىردى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، زاۋۇت - سېخلاردا ماشىنىلار گۈرۈلدىدى، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىندا پۈتمەس - تۈگىمەس جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. بۇ ئەھۋال، بۇ مەنزىرە كىشىنى ئىختىيارسىز چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ: قانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇمانلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نورمال تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى؟

«جۇڭگو ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. بۇ سەپەرۋەرلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.» خەلقئارادىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ باھاسى بۇنىڭدىكى مۇھىم ئاچقۇچنى كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتالىشىدىكى تۈپ سەۋەب، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىدا.» يامان ئەلپازدا كەلگەن يۇقۇم ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىز ناھايىتى تېزلا 340تىن ئارتۇق داۋالاش ئەترىتى، 42 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى يۆتكەپ كېلىپ، كېچىلەپ ياردەمگە بېرىپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلاندۇق، بىز 19 ئۆلكىنى يۇقۇم ئېغىر رايونلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تېزدىن تەشكىللەپ، پۈتۈن كۈچىمىزنى سەرپ قىلىپ، غەلىبە قىلمىغۇچە چېكىنمىدۇق، بىز 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنى بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشكە تېزدىن سەپەرۋەر قىلىپ، پۇختا مۇداپىئە لىنىيەسى قۇردۇق... دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەرەپ ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، كۆلىمىنىڭ زورلۇقى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ، جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى».

بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان - بولمىغانلىقىنى، ئەۋزەللىككە ئىگە - ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان بىر مۇھىم تەرەپ شۇكى، ئۇنىڭ ئېغىر، زور كىرىزىسقا قانداق تاقابىل تۇرغانلىقىغا قاراش كېرەك. بۇ قېتىمقى يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسى ئالدىدا، جۇڭگو تۈزۈمى «بېسىم سىنىقى»دىن ئۆتۈپ، لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارى، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ۋۇخەندىن خۇبېيغىچە، خۇبېيدىن پۈتۈن مەملىكەتكىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەر بىر گەۋدە بولۇپ ھەرىكەت قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر تاختا شاھماتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى جىددىي سەپەرۋەر قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقلارنى تەرتىپلىك يۆتكەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى. بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، خەلقئارادىكى زاتلار جۇڭگونىڭ «قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى مۇھىم پەيتتە تولۇق نامايان قىلغانلىقى»نى كۆردى، خەلقئارا جەمئىيەت «جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى ئۈلگە سۈپىتىدە دۇنيانىڭ تارقىلىشچان كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش تارىخىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ» دەپ ماختىدى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. يېقىندا ئېچىلغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ئەمەلىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكى، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى».

بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەش بىزگە شۇنداق چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇكى: تەرەققىيات مۇھىتى قانچە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىسلاھاتنى شۇنچە قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى بىلەن ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئايلىنىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئاشكارىلانغان كەمتۈكلۈكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، بىز چىڭ تۇتۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورنىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تاسادىپىي يۈزبەرگەن ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، جەمئىيەتنى باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشقان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز، ئەۋزەللىكنى تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم، تەرتىپلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.» تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىسەكلا، بىز چوقۇم ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى