تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، قاتناش سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولىنىڭ بېيجىڭ يولىدىن ئالتاي يولىغا ماڭىدىغان يۆنىلىشىدىكى ئۈچ ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى تۆت ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغا ئۆزگەرتىلدى.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز پېڭ فاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، تاكسى شوپۇرى لياڭ دۇڭلياڭ يولۇچىنى ئېلىپ پەن-تېخنىكا سارىيى ئەتراپىدىكى يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، ئىلگىرى دائىم توسۇلۇپ قالىدىغان يول ئېغىزىنىڭ راۋانلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

  «ئىلگىرى بۇ يەردىن ماڭغۇم كەلمەيتتى، بۇ يول ئۇزۇن بولمىغىنى بىلەن بەك توسۇلۇپ كېتىدۇ، مېنىڭ بۇ يەرگە كەلمىگىنىمگە بىر ھەپتە بولۇپ قالدى، بۈگۈن ماڭسام توسۇلۇپ قالمىدىم» دېدى لياڭ دۇڭلياڭ.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، بۇ، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولى(بېيجىڭ يولىدىن ئالتاي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى)دىكى سۈرئەتنى تېزلىتىشكە دائىر تۆت تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنىڭ پايدىسى بولۇپ، بۇ تەدبىر مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

  يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بېيجىڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى جاۋ پېيفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سايباغ رايونى بىلەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇنلىقى 200 مېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولى(بېيجىڭ يولىدىن ئالتاي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى)دا قاتناش ئىزچىل راۋان ئەمەس، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك قاتناش بېسىق مەزگىلىدە، غەربتىن شەرققە بولغان يۆنىلىشتە توسۇلۇش ئالتاي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىدە جەنۇبتىن شىمالغا، ئالتاي يولىدا جەنۇبتىن شىمالغا بولغان يۆنىلىشتە يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزەتتى، شەرقتىن غەربكە بولغان توسۇلۇش بېيجىڭ يولىدا ئاپتوموبىللارنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزەتتى، توسۇلۇش ئېغىر بولغاندا، 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ يول خۇددى چىگىلىپ قالغان ئارغامچىغا ئوخشاپ قالاتتى». 

  ھازىر بېيجىڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل ئېقىمى ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇ يول بۆلەكلىرىدىكى قىستاڭچىلىقنى پەسەيتتى. بۇمۇ ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئىنچىكە راۋانلاشتۇرغان تىپىك يول ئېغىزلىرىنىڭ بىرى.

  1. دوستلۇق يولى يۆنىلىشىدە ئەسلىدىكى بىر ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى ئىككىگە كۆپەيتىلىپ، ئالتاي يولىدىن دوستلۇق يولى، ساي يولى يۆنىلىشىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تېز يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  2. ئالتاي يولىدىن بېيجىڭ يولى يۆنىلىشىدىكى ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغا كۈتۈپ تۇرۇش رايونى سىزىلدى ھەمدە LED كۆرۈنمە ئېكرانى تەسىس قىلىنىپ، ئاپتوموبىللار ئالدىنئالا كۈتۈپ تۇرۇش رايونىغا كىرىپ ساقلاشقا ئەسكەرتىلىپ، ھەر بىر يېشىل چىراغدا ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  3. يۆتكىلىشچان رېشاتكىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولى(بېيجىڭ يولىدىن ئالتاي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى)دىكى بىر ئارقىغا بۇرۇلۇش ئېغىزى تاقىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ ئارقىغا بۇرۇلۇشى مەنئىي قىلىنىپ، ئارقىغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قوش يۆنىلىشتە ئۇدۇل يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارغا يەتكۈزىدىغان تەسىرى ئازايتىلدى؛

  4. بېيجىڭ يولىدىن ئالتاي يولىغا ماڭىدىغان ئاپتوموبىل يولى ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدىكى نىسبەتەن كەڭرى ئۈچ ئاپتوموبىل يۈرۈش يول ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۆت ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغا ئۆزگەرتىلىپ، يولنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆستۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى