تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۆ ۋېنلىڭ خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش سانجى ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىنىڭ 5G يولغا قويۇش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەت 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، سانجى شەھىرىدە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 53نى قۇرغان بولۇپ، كۆچمە 5G تورى ئوبلاستنىڭ يادرولۇق شەھەر رايونىنى قاپلىغان. قاپلاش نىسبىتى % 90دىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە خۇەنيۈ شىنتيەندى پۈتۈن ئوبلاست بويىچە تۇنجى 5G قوش مېگا (يەنى يان تېلېفون 5G سىگنالى، تور سۈرئىتى بىردەك 1000Mb/s) ئولتۇراق رايونىغا ئايلانغان.
كېيىنكى مەزگىلدە شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش سانجى ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر، باغچا رايونى) نىڭ يادرولۇق شەھەر رايونىنى 5G تورى بىلەن تولۇق قاپلاشنى، 5Gنى چۆرىدەپ، «5G + ئالاقە تورى»، «5G + ئاقىل مەھەللىسى»، «5G + ئاقىل داۋالاش»، «5G + ئاقىل تەربىيەسى» قاتارلىق 12 چوڭ ساھەدە 100گە يېقىن قوللىنىشچان ئەپ ئىشلەشنى پىلانلىدى؛ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى چۆرىدەپ، « 5G + سانائەت ئالاقە تورى» پۈتۈن مەملىكەت ئەۋرىشكىسى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەكچى بولدى. ھازىر، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى بىر قىسىم سانائەت ساھەلىرىدە 5G سانائىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش، 5G سانائىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش قاتارلىقلار ئىشقا ئاشۇرۇلدى.