تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شۇاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لەن شياۋچۈ خەۋىرى) يېقىندا، كورلا شەھىرى لىشياڭ كوچىسى لىڭدا مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتى مەھەللىدە تىزىمغا ئالدۇرغان جىنتۇڭ بالىلار باغچىسى پارتىيە ياچېيكىسى، مەھەللىدىكى «قوش تىزىمغا ئالدۇرغان» بايىنغولىن گېزىخانىسى، كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ، «5.20 پاكلىقنى سۆيىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جانلىق بىۋاسىتە كۆرسەتمىلىك ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى.
كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پاكلىق تەربىيەسى بازىسىدا، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلەپ، نەق مەيداندا پارتىيە بەدەل پۇلى تاپشۇردى. پاكلىق تەربىيەسى كۆرگەزمە تاختىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، پاكلىق ئىبرەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تارنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ پاكلىق خىسلىتى بىلەن ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندى.
پائالىيەتتە، لىڭدا مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتى مەھەللىدە تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى ئاۋانگارتلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشقا چاقىردى. ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، مەھەللە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.