تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن يۈشىن خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، 2020-يىللىق سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا «مەدەنىي ساياھەت . يېشىل سەپەر» 5.19 جۇڭگو ساياھەت كۈنى مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى.

  2020-يىللىق سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى «مەدەنىي ساياھەت . يېشىل سەپەر» 5.19 جۇڭگو ساياھەت كۈنى مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىدە ساياھەت يېڭى كەيپىياتى يارىتىپ، ساياھەت يېڭى مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلەرنى مەدەنىي ساياھەت قىلىش، تۆۋەن كاربونلۇق ئىستېمال قىلىش، مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ساغلام، مەدەنىي، مۇھىت ئاسرايدىغان ساياھەت، ئىستىراھەت ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەت تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەشەببۇس قىلىندى.

  شۇ كۈنى مەنزىرە رايونىدا، «بايرامنى تەبرىكلەش . تۇغقان يوقلاش. بىر ئائىلە كىشىلىرى سايرامنى سەيلە قىلىش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش سايرامنى سەيلە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەرنى بىرلىك قىلىپ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى كەڭ ناھىيە، شەھەرلەردىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سايرام كۆلى ئېگىز تاغ، مۇزلۇق، ئورمان، ئوتلاق، زۇمرەت كۆل بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى