تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى بۇ كىچىك جانىۋارلارنى بىلەمسىز

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارى مۇخبىرلار لى مىڭ، بې خەيتاۋ خەۋىرى، فوتوسى) باش ياز مەزگىلىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ھەرخىل قۇشلارنى مول يېمەكلىك مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، قۇشلار ماكانلىشىپ كۆپىيىدىغان ئەڭ ياخشى جايغا ئايلاندى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى قۇشلارنى تاماشا قىلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يەردە بۈركۈت، قارا تۇرنا، ئاق قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى قاتارلىق يەتتە خىل دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى، كۈلرەڭ تۇرنا، ئاق قۇ قاتارلىق 40 خىل دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى بار. قېنى بىرلىكتە ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا بېرىپ قۇشلاردىن ھۇزۇر ئالايلى!

5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا لەنخۇۋگېچۇ قۇشى دەرەخ شېخىدا سايرىماقتا.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئاق قاش ئۆردەك سۇ ئۇزمەكتە.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئۈچ قارا بويۇنلۇق پىتى سۇ ئۈزمەكتە.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا بىر چىپار ئۆردەك چۈجىسى سۇ ئۈزمەكتە.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا ياقا قارلىغاچسىمان پلوۋېر قۇشى قانات قېقىپ ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا قاڭشارلىق چىپار ئۆردەك قومۇشلۇقتا ياز ئاپتىپىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا ياقا قارلىغاچسىمان پلوۋېر قۇشى يىراققا نەزەر تاشلىماقتا.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا قىزىل چىپار ئۆردەك چۈجىسى سۇ ئۈزمەكتە.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا بىر قىزىل چىپار ئۆردەك چۈجىسى سۇ ئۈزمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى