تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بەخت بېغىغا «بەخت» ئۇرۇقىنى تېرىش

  ۋاڭ شياۋيەن كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبىغى يېيىتماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن نى شياۋجىڭ، ۋاڭ چىڭخۇا خەۋىرى، فوتوسى): قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى قارا دۆۋە بازىرى تۈگمەنبويى كەنتىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئەمگەككە قاتناشتى، كەنتتىكى سەككىز مو چىلانلىق باغ بەخت بېغىغا ئايلىنىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  تۈگمەنبويى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كەينىدىكى سەككىز مو كېلىدىغان بەخت مېۋىلىك بېغىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى پىژغىرىم ئىسسىقتا تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبىغىنى يېيىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. قومۇل شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كەينىدىكى سەككىز مو چىلانلىق باغنىڭ ئۇزاق مۇددەت تاشلىنىپ قالغانلىقىنى بايقاپ، بۇ چىلانلىقنى تازىلاپ ئۆزگەرتىشنى، بۇ ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۆزگىرىش دەل باغنى تازىلاشتىن باشلاندى.

  «دەسلەپتە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ىدىكىلەر ئالدىراش ئىشلىگەن، كېيىن كەنت ئاھالىلىرى كۆرۈپ، ئاستا-ئاستا باغنى تازىلاش خىزمىتىگە قاتناشتى، ئاخىرىدا 50 ئادەم كوللېكتىپ ئاتلاندۇق، ئىككى ھەپتىدە باغنى تازىلاپ بولدۇق» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋاڭ شياۋيەن.

  زەپەرخان مەمەتنىياز بىلەن كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە بەخت بېغىدا ئەمگەك قىلماقتا.

  نامرات ئاھالە زەپەر مەمەتنىياز كەنتنىڭ تازىلىق ئىشچىسى، ئۇ ھەر كۈنى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بەخت بېغىغا كېلىپ ياردەملىشىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى ياخشىلانسا، تۇرمۇش سەۋىيەمىز ئۆسىدۇ. بۇ كەنتىمىزنىڭ بېغى، شۇڭا غەيرەت قىلىپ ئىشلىسەك، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».

  كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، باغقا 200 تۈپ شاپتۇل دەرىخى ۋە 300 تۈپ ئۆرۈك دەرىخى تىكىلدى، خىزمەت ئەترىتى باغدا توخۇ فېرمىسى ۋە كەپتەر فېرمىسى قۇرۇپ، ئورمان ئاستى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا تاۋۇز تېرىپ، نامرات ئاھالىلەرنى تەمىنلەشنى پىلانلىدى.

  ۋاڭ شياۋيەن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە يىلدا، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ بىرلا خىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىز بۇ سەككىز مو يەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بۇ يەرنى شاپتۇللۇق ۋە ئۆرۈكلىك قىلىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىشنى ئويلىدۇق، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىم كۆپرەك بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ».

  خىزمەت ئەترىتى يەنە باغدىكى ئېتىز قىرىدا نۇرغۇن پىندىق ياڭاق كۆچىتى يېتىشتۈرۈپ، كەنتتىكى نامرات ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەييارلىق قىلدى.

  ۋاڭ شياۋيەن مۇنداق چۈشەندۈردى: «پىندىق ياڭاق بىر خىل ئۆسۈملۈك ئالتۇنى، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ياغ يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. بىز مايسىنى يېتىشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى نامرات، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىگە تىككۈزۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز».

  كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ دادىل ئىزدىنىشى، ئەڭ يادرولۇق بولغىنى كەڭ ئاممىنىڭ پائال قاتنىشىشى، تۈگمەنبويى كەنتى ۋە خىزمەت ئەترىتى كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەر پائال قاتنىشىپ، تاشلىنىپ قالغان چىلانلىق باغنى ئورمان ئاستى ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرىدىغان بەخت بېغىغا ئايلاندۇردى. كەلگۈسىدە، بۇ بەخت بېغىدىن مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ھىدى تارىلىدۇ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۈندىن-كۈنگە بەختلىك بولۇپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى