تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خې يۇڭشيەن خەۋىرى): يېقىندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قۇرۇلما تور ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۇرپاندىن بىۋاسىتە شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئاچتى.
ئۈرۈمچى-تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تىجارەت ئەندىزىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەر يىلى %50تىن ئارتۇق زاپاس ئايروپىلان قونۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ يىل 4-ئايدا، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش 2025-يىلىدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 12 مىڭ توننا، ئۇچۇش-قونۇش مىقدارى 10 مىڭ 500 ئايروپىلان قېتىم بولۇش نىشانى بويىچە لايىھەلىنىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يۈرۈش بېسىمىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 4-ئايدا، ئۈرۈمچى، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى، يۈك توشۇش مىقدارى، ئۇچۇش-قونۇش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 784 مىڭ 653 ئادەم قېتىم، 10 مىڭ 559 توننا، 7640 نۆۋەتچى قېتىم بولۇپ، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى، يۈك توشۇش مىقدارى، ئۇچۇش-قونۇش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2281 ئادەم قېتىم، 0.985 توننا، 138 نۆۋەتچى قېتىم بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتىدە ئېشىش كۆرۈلگەن؛ ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا 3674 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ، نومال ئۇچۇش نىسبىتى %95.86، تۇرپان ئايرودۇرۇمىدا 55 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ، نورمال ئۇچۇش نىسبىتى %98.18 بولغان.