تىيانشان تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول قاتناش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە يۈز بېرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئېلېكتىرونلۇق ساقچى پەيتلىك سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قارار قىلدى.
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە تەشۋىق-تەربىيە مەزگىلى بولۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئاپتوموبىللارغا جازا ئىجرا قىلىنىدۇ. كەڭ شوپۇرلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ھەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ياخشى قاتناش تەرتىپىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى