تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 4200دىن ئارتۇق ئورۇن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش، ئېمىتىش ئۆيى تەسىس قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاڭ شېڭ): 5-ئاينىڭ 20-كۈنى مەملىكەتلىك ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تەشۋىقات كۈنى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 4209 ئورۇن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش، ئېمىتىش ئۆيى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 143 مىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەنپەئەتلەنگەن، تەسىس قىلىشنى قاپلاش دائىرىسى بۇ يىل ئىچىدە يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېمىتىش ئۆيى ئاساسلىقى ئىدارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھامىلدارلىق ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىق سەپلىمىلەر مېھرىبان ئانا كىچىك ئۆيى ماركىسى، ئۈستەل، ئاز دېگەندە ئىككى ئورۇندۇق، توك مەنبەسى روزېتكىسى، بىر يۈرۈش تەشۋىقات ئېلانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شارائىتى يار بەرگەن ئورۇنلار توڭلاتقۇ، قول يۇيۇش ئورنى ۋە ئانا-بالىلار ژۇرنىلى ۋە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش قامۇسى قاتارلىق ژۇرناللارنى قويۇپ قويۇشقا ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال جازىسى قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەرسىمۇ بولىدىكەن.

  2016-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر يىلى 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە دەم ئېلىش، ئېمىتىش ئۆيى تەسىس قىلىشىنى قوللىغان. 2017-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە دەم ئېلىش، ئېمىتىش ئۆيى تەسىس قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەركەزلەشكەن ئورۇن، ساھەلەردىن كارخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دەم ئېلىش، ئېمتىش ئۆيى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش، ئېمىتىش ئۆيى تەسىس قىلىپ بولغان ئورۇنلارغا قانۇن، تۇرمۇش، ساغلاملىق، بالىلار پەرۋىشى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاقىدار كىتابلارنى تەقسىملەپ بەرگەن ھەم گېزىت ھەدىيە قىلىپ، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى