قەشقەر شەھەرلىك يېزا-كەنتلەرنىڭ تۇرۇبا سۈيىنى باشقۇرۇش باش پونكىتى ئاققاش يېزىلىق تارماق پونكىتىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى كۆپ قېتىم ساپلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنغان بىخەتەر سۇنى ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلماقتا (5-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. 2015-يىلىدىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى بويىچە 15 قۇرۇلۇش تۈرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا-كەنتلەردە كۆلەملەشكەن سۇ زاۋۇتىدىن 15نى قۇرۇشنى تاماملاپ، يېزا-كەنتلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنى %100كە، تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى.
قەشقەر شەھەرلىك يېزا-كەنتلەرنىڭ تۇرۇبا سۈيىنى باشقۇرۇش باش پونكىتى ئاققاش يېزىلىق تارماق پونكىتىدا، خىزمەتچى خادىم سۇ ساپلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (5-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې خەۋىرى، فوتوسى