تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر يەكەن ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى

بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆزى مەسئۇل بولغان ئېغىر نامرات ناھىيە يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى نەق مەيداندا قانات يايدۇردى ھەم قاغىلىق، گۇما، قاراقاش قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئىككى كۈندە، شۆھرەت زاكىر يەكەن ناھىيەسىدە ئىلىشقۇ يەكەن دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، يول ئۈستىدە يەكەن ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، شىنجاڭ ياڭاق(قاغىلىق) توپ سېتىش سودا بازىرى، تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق بازىلىرى، زاۋۇت - كارخانىلار، كەسىپ يېتىلدۈرۈش مەركىزى، نامرات ئائىلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە مەخسۇس تېمىدا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، شۆھرەت زاكىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش دوكلات يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللەشتى، ئېغىرلاشتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئۇدا جەڭ قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش جېڭى، «نامراتلىق»قا قارشى جەڭنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، سىياسەت پۇرسىتى، مۇقىملىق پايدىسىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك. جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشۈپ قالغانلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، دەسلەپكى مەزگىللىك جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت تەلىپى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «بىر كەنتكە بىر لايىھە بولۇش» «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولماسلىق، دەل جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ياردەم بېرىش - يۆلەش لايىھەسىنى داۋاملىق ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇپ، كونكرېت ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ نىشانلىق بولۇشىغا، ھەربىر ئائىلىگىچە دەل جايىدا بولۇشىغا، ئادەمگىچە ئىنچىكە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلمىغان ئائىلىلەر ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ، ئۆلچەپ، ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ۋە يېڭىدىن نامراتلىقنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى لايىھە، لايىھەلەرنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۆپ تەرەپ ئاساسىي قاتلامغا قايتا - قايتا ۋەزىپە بەلگىلەش، جەدۋەل تەلەپ قىلىش ۋە سىياسەت ئىجرا قىلىشتا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامدا زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى