تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 73 - نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇڭگو خەلقنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ھەم ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىدۇ، ھەم يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 73 - نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلايلى ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى بېيجىڭ ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 73 - نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلايلى ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئەڭ ئېغىر يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسىگە قارىتا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى. جۇڭگو خەلقنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرىدۇ، باشتىن - ئاخىر ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ھەم ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىدۇ، ھەم يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇم يەنىلا يامرىماقتا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يەنىلا تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاشنى زورايتىش، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بەش چوڭ تەدبىرىنى ئېلان قىلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە بۇ قېتىمقى دۇنيا سەھىيە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز تارقىلىپ، ھازىر 210 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى، 7 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىگە تەسىر كۆرسەتتى، 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىغا زامىن بولدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورايمەن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت مەدەنىيلىك تارىخىمۇ كېسەل ۋە ئاپەتكە قارشى كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇملۇق كېسەل ئىرق ئايرىمايدۇ. يامان ئەلپازدا كەلگەن يۇقۇم ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، كىشىلەر ئارىسىدىكى چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنى نامايان قىلدى، يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشىش، غايەت زور بەدەل تۆلەش ئارقىلىق، جۇڭگو يۇقۇم ۋەزىيىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرگە يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق تەڭ بەھرىمەن بولدى، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە كۆپلەپ مەدەت بەردى ۋە ياردەم بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇم يەنىلا يامرىماقتا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يەنىلا تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، مەن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بېرىشنى خالايمەن.

بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ، ھازىرقى ئەڭ جىددىي ئىش. بىز خەلقنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش كۈچلىرى ۋە مۇھىم ماددىي ئەشيالارنى ئىلمىي يۆتكەپ، تەقسىم قىلىپ، مۇداپىئەلىنىش، ئايرىۋېتىش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئىز قوغلاش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا يامراش ۋەزىيىتىنى تېزدىن توسۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسۇشىمىز كېرەك. ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىش، پايدىلىق تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئۇسۇلى، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ۋاكسىنا، دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ھەم ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ۋە تارقىلىش يولى توغرىسىدىكى يەرشارىۋى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاش كېرەك.

ئىككىنچى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باش ئىش بېجىرگۈچى تەن دېسەينىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ. ھازىر، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللىغانلىق، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى قوللىغانلىقتۇر. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللاش ۋە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشى، پۈتۈن يەرشارىۋى بايلىقنى ئىشقا سېلىپ، يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاشنى زورايتىش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىش خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى. ئافرىقا دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، ئادەم كۈچى جەھەتتىن قوللاش كېرەك. جۇڭگو ئافرىقىدىكى 50 نەچچە دۆلەتكە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىغا زور مىقداردىكى داۋالاش ياردىمى ماددىي ئەشيالىرىنى تاپشۇردى، مەخسۇس بەش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. نۆۋەتتە، ئافرىقىدا دائىملىق تۇرۇۋاتقان 46 جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى شۇ جاينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشماقتا.

تۆتىنچى، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنسانلار ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، لېكىن ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئەمەس. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئاشكارىلانغان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە قارىتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، يەرشارىۋى ۋە رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش مەركىزى قۇرۇش كېرەك. جۇڭگو يەر شارىۋى يۇقۇم تىزگىنلەنگەندىن كېيىن، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى قوللايدۇ. بۇ خىزمەت ئىلمىي كەسپىي پوزىتسىيەگە موھتاج، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا موھتاج.

بەشىنچى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار دۆلەتلەر دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كەسپىي تەكلىپىگە ئەمەل قىلىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنسانلار − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش − يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئەيدىز كېسىلى، ئېبولا، قۇش زۇكىمى، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم تەجرىبە، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان جاھاندىكى توغرا يول.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەم ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىدۇ، ھەم يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مەن مۇنۇلارنى جاكارلايمەن:

− جۇڭگو يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى ھەمدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىككى يىل ئىچىدە 2 مىليارد دوللار خەلقئارا ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

− جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودا يەرشارىۋى ئىنسانپەرۋەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئامبىرى ۋە تۈگۈنى تەسىس قىلىپ، تىرىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەم تىرانسپورت ۋە تاموژنا رەسمىيىتىنى تۈگىتىش يېشىل يولى قۇرىدۇ.

− جۇڭگو جۇڭگو - ئافرىقا نىشانلىق ياردەم بېرىش دوختۇرخانا ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن 30نى ئورنىتىپ، ئافرىقا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى باش ئىشتابىنى تېز قۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشىدۇ.

− جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تاماملىغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىپ، ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بارالىشى ۋە تەمىنلىيەلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

− جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى تۆلىشىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يۇقۇم پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان، بېسىم پەۋقۇلئاددە زور بولغان دۆلەتلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: بىز قول تۇتۇشۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ئورتاق قوغدايلى، ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ يۇرت - ماكاننى ئورتاق قوغدايلى، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى سۆزىدە بىردەك كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللايدىغانلىقىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى قوللايدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.