تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تېز كېسەل پەيدا قىلىدىغان، كۈچلۈك يۇقۇملۇق نامەلۇم بىر خىل ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى. تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، يۇقۇش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭ بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى. جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشىش ئارقىلىق، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى مۇپەسسەل يەكۈنلەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە نامايان قىلىنغان جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. ئىنتايىن پايدىسىز شارائىتتا، بىز بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ، ئىككى ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا يەرلىكتە كۈنىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالىنى بىر خانىلىق سان ئىچىدە تىزگىنلەپ، ئۈچ ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ بىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە زىچ تايىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئالاقە - ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكىمىزدە. بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار مۇشۇنداق چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بۇ تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. ئەمەلىيەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

بۇ، بىر قېتىملىق جۇڭگو كۈچىنىڭ مىسلىسىز مۇجەسسەملىنىشى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇپ، ئەڭ زىچ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈردۇق. «بىر شەھەرنى قامال قىلىش، بىر دۆلەت خەلقىنى قوغداش»تەك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇلۇغ ئىشىدىن ۋۇخەندە ئومۇمىي جەھەتتىن ساقىيىش نىسبىتى %94كە يېتىشتەك ھاياتلىق مۆجىزىسىگىچە، ماسكىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى نەچچە يۈز مىليون بولۇشتەك ماددىي ئەشيا كاپالىتىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 650 مىڭ شەھەر، يېزا، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تولۇق قاپلىغان تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىشقىچە، يەنە 4 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 90 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنىڭ تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، «پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش»قىچە، ھەر تەرەپلىمە ئادەم كۈچى تەشكىللەش جېڭى، ماددىي ئەشياغا كاپالەتلىك قىلىش جېڭى، پەن - تېخنىكىدا جىددىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش جېڭى، بايلىق ھەرىكەتچان جېڭى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى. خۇددى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى كۆرسەتكەندەك: جۇڭگو تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە، ئەڭ سەزگۈر ۋە ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى.

بۇ، بىر قېتىملىق جۇڭگو روھىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى. جاپا - مۇشەققەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەددىنى ئېگىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتتى. پەقەت ۋۇخەندە «شەھەرنى قامال قىلىش»تىن كېيىنكى بىرىنچى ھەپتىدىلا، 123 مىڭ 800 ئادەم قېتىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن باتۇرلۇق بىلەن قارشى يۆنىلىشتە كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان داۋالاش خادىملىرى، يىغىلىپ ياردەمگە كەلگەن ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان شوپۇرلار، يېڭىدىن قۇرۇلغان دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرى بار... تۇمان قاپلىغان جايدا يورۇقلۇق كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇرىدۇ. يۇقۇم رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان سانسىزلىغان قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەر كىشىلەرگە نېمىنىڭ ئاق خالاتلىق جەڭچى، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىش ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ھەرقانداق بىر قېتىملىق غايەت زور تارىخىي ئاپەتنىڭ ئورنى تارىخنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن تولۇقلىنىدۇ، ھەرقانداق بىر قېتىملىق ئاپەت جەريانىدىكى ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ مىللىي روھنىڭ يېتەكچىلىكىگە تايانغان.

بۇ، بىر قېتىملىق جۇڭگو ئۈنۈمىنىڭ جانلىق نامايەندىسى. پەقەت ئۈچ ھەپتە ۋاقىتتىلا ۋۇخەندە 16 فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇپ، ئاغرىقلارنىڭ قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسىدىن باشلاپ جىددىي چاقىرىق قىلىنىپ، 42 مىڭ تېببىي خادىم خۇبېيغا ئاتلىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق داۋالاش كۈچىنى يۆتكەشنى شەكىللەندۈردى؛ رېكورت يارىتىش سۈرئىتىدە ۋىرۇس ئايرىش، گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش تاماملىنىپ، كۆپ خىل نۇسخىدىكى داۋالاش لايىھەسى ئۇدا ئېلان قىلىندى، نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى تېز سۈرئەتتە كىلىنىكىلىق سىناققا كىردى... بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ تاسادىپىي ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى جۇڭگو ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلدى، پۈتۈن يەر شارىنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا قۇدرەتلىك ئىشەنچ بېغىشلىدى. خەلقئارادىكى زاتلار «جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، «جۇڭگو ناھايىتى تېزلا ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى» دەپ ماختىدى. بىلىملىك زاتلار مۇنداق باھا بەردى: «كەلگۈسىدە، تارىخشۇناسلار جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى دۇنيا مىقياسىدا يېڭى كېسەلنىڭ پارتلىشىنى توسىدىغان ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنى توسىدىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارىشى مۇمكىن».

جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىنلا ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە جاسارەتلىك بولغان. جۇشقۇن جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىنى ئۇرغۇتۇشتا، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوت جەزمەن بوران - چاپقۇنلاردا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، توسالغۇسىز ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى