تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

رەڭلەر دۇنياسىدا قاناتلانغان «كېپىنەك ئارزۇسى»

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن كېپىنەك ئەۋرىشكىسى ياسىماقتا (5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇەن فۇيۈننىڭ چىسەي كېپىنەك باغچىسىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن كېپىنەكلەر بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپلا قالماي، كېپىنەكنىڭ غوزەكنى يېرىپ كېپىنەككە ئايلىنىش جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ. بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن گۇەن فۇيۈن توققۇز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ «كېپىنەك چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، گۈزەل «كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش»نى تاماملىدى.

  گۇەن فۇيۈن شىنجاڭ جىمىسار ناھىيەسى بېيدى مەھەللىسىدىن بولۇپ، 2011-يىلى، بىر يېزا ئىگىلىك بېيىش پروگراممىسىنى كۆرۈپ، كېپىنەك بېقىش ئويىغا كەلگەنىدى. گۇەن فۇيۈننىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا كېپىنەك باقمىچىلىقى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ بولۇپ، ئۇ خەينەندە كېپىنەك باقمىچىلىقىنى ئۈچ ئاي ئۆگىنىپ، 100دىن ئارتۇق كېپىنەك قورچىقىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆيدە سىناق قىلىپ باققان. كېپىنەكنىڭ ياشاش دەۋرى قىسقا بولغاچقا، يەرلىكتە باققاندا تېمپېراتۇرا، نەملىك، كېسەللىك ۋە ھاشاراتنىڭ زىيىنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلەتتى. گۇەن فۇيۈن ئۈزلۈكسىز سىناق ئېلىپ بېرىپ، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولدى، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قورچاق قېپىدىن چىققان كېپىنەك 2014-يىلى 10 مىڭدىن ئاشتى. كېپىنەكنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولغاچقا، تىرىك كېپىنەكلەرنى توي مۇراسىمى، تىجارەت باشلاش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەردە قويۇپ بېرىپ، بۇنىڭدىن ئوبدان كىرىم قىلدى. ئەمما كېپىنەكلەر ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ، قانداق قىلغاندا كېپىنەكنىڭ پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ گۇەن فۇيۈن پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سېلىپ، ئەۋرىشكە ياساش ۋە كېپىنەك قانىتىدىن رەسىم ياساشنى سىناپ باقتى. «باقمىچىلىققا ئوخشىمايدىغان يېرى، كېپىنەك قانىتىدىن رەسىم ئىجاد قىلىش جەريانىدا، ئەۋرىشكە تاللاشتىن تارتىپ چاپلاشقىچە، ھەر بىر قەدەمدە گۈزەللىك تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.» گۇەن فۇيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەڭگى ئوچۇق، خۇددى تىرىكتەك تۇيغۇ بېرىدىغان بىر پارچە كېپىنەك قانىتىدىن رەسىم ياساشقا بىر قانچە كۈن كېتىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، گۇەن فۇيۈننىڭ تىرىك كېپىنىكى ۋە كېپىنەك قانىتىدىن ياسىغان رەسىمى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق سېتىلىپ، مەھسۇلاتى بېيجىڭ، شيامېن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدىغان بولدى. گۇەن فۇيۈننىڭ كېپىنەك مەھسۇلاتى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ھۆكۈمەتمۇ ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. 2019-يىلى جىمىسار ناھىيەسى چۈەنزىگەي بازىرىدا قۇرۇلغان كېپىنەك تاماشا قىلىش باغچىسى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلىپ، كۆڭۈل ئېچىشقا جەلپ قىلدى. گۇەن فۇيۈننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىشەنچى كامىل، «مەن كېپىنەك كەسپىنى تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىغا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنى قەھرىتان سوغۇقتىمۇ كېپىنەكلەرنى تاماشا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمەن ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ كەسىپكە قاتناشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولسام دەيمەن.»

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن ساياھەتچىلەرگە بېقىلغان خازان كېپىنىكىنى تونۇشتۇرماقتا (5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن كېپىنەك ئەۋرىشكە زالىنى تازلىماقتا (5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن كېپىنەك قانىتىدىن ياسالغان رەسىمگە كېرەكلىك بولغان كېپىنەك قاناتلىرىنى تاللىماقتا (5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن كېپىنەك قانىتىدىن رەسىم ياسىماقتا (5-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن كېپىنەكلەرگە يەم-خەشەك تەييارلىماقتا (5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن كېپىنەك لىچىنكىسى پارازىت ئىگىسى ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.(5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن ساياھەتچىلەرگە كېپىنەك قانىتىدىن ياسىغان رەسىم ئەسىرىنى تونۇشتۇرماقتا. (5-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، گۇەن فۇيۈن كېپىنەك قورچىقىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جىمىسار ناھىيەسى چىسەي كېپىنەك باغچىسىدا، بىر ساياھەتچى كېپىنەك ئەۋرىشكىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا (5-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى