5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان چەۋەندازلار شىرىنزىگۇ مەنزىرە رايونىدىكى ديېچۈەن يولىدا ئۇچقاندەك چاپماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مارافونچە يۈگۈرۈش جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان شىمىگۇ رايونىنىڭ 5ـ نۆۋەتلىك «گۈل دېڭىزىدا ۋېلىسىپىت مىنىش» مۇسابىقىسى شىرىنزىگۇ مەنزىرە رايونىدا باشلاندى، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قاراماي، خېجىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 200 ماھىر بۇ قېتىمقى 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇسابىقىگە قاتناشتى، يەنە 100 دىن ئارتۇق يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرگە كېلىپ مۇسابىقە كۆردى.