تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈيتۈن شەھىرى تولى كوچىسى «بەش چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى»غا ئايلانماقچى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جوۋ يۇڭخۇي، لى شا خەۋىرى): «دەل-دەرەخلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تىكىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىڭلار، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈڭلار»، «ئاڭلىدىم، ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز». 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 23لەردە، تولى كوچىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش نەق مەيدانى يەنىلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى. دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈيتۈن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى نۇرغۇن ئەمگەكچىلەر بىلەن تۈرنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، تولى كوچىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.

تولى كوچىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى 2020-يىلىدىكى كۈيتۇن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. شىمالدا ئۈرۈمچى يولىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا جەنۇبىي ئايلانما يولىغا تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر، ئىككى تەرىپى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېشىللىق 67 مىڭ كىۋادرات مېتىر، قاتتىقلاشتۇرۇپ ياتقۇزۇلغان كۆلەم 33 مىڭ كىۋادرات مېتىر. بۇ تۈردە «تولى كوچىسىغا مەپتۇن بولۇپ، كۈيتۈن شەھىرىنى جانلاندۇرۇش» باش تېما قىلىنىپ، بىر يادرو، بىر ئوق، ئىككى بەلباغ، بەش تۈگۈن ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، لىنىيەنى بويلاپ 10 پورت-قولتۇق شەكىللىك ئاممىۋى قاتناش بېكىتى، 19 باغ-ئورمان مەنزىرىسى ھەمدە ئۆزگىچە مەنزىرە چىرىغى ئورنىتىلىدۇ.

بۇ تۈردە 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىش باشلانغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ ئاخىرى قۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تۈر قۇرۇلۇشى ئالتۇن مەزگىلدە تۇرماقتا. تۈرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئومۇمىي ۋەزىپە نىشانىنى تاماملىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش 24 سائەت توختىتىلمايدۇ. «قۇرۇلۇش مۇددىتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر، ھازىر قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئالتۇن پەسىلگە توغرا كەلدى. كۆپچىلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەربىر كىچىك نۇقتىغىچە دىققەت قىلايلى.» دېدى تۈر باش نازارەتچىسى جاڭ رۇيى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆستۈرۈش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. ئەمما بۇ قېتىم تولى كوچىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى پۈتكەندىن كېيىن گۈزەل شەھەر مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپلا قالماي، شەھەر ئومۇمىي ئوبرازى ئۆستۈرلۈپپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى