تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى كەلدى!

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ماھارەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش(تەربىيەلەش) سىياسەتلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش

  تەتبىقلىنىدىغان كىشىلەر توپى: بىرىنچى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئاھالىلەر، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار.

  نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى: 2020-يىلدىن بۇرۇن، ھۆكۈمەت ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى(ھازىرقى ئۆلچەم 200 يۈەن)نى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلار يەنە قايتىدىن بەھرىمەن بولسا بولمايدۇ. يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىشتە، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋاقتىنچە ئائىلە كىرىمىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  تەتبىقلىنىدىغان كىشىلەر توپى: ئىككىنچى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 60 ياشقا توشقانلار، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئالمىغان نامرات كىشىلەر.

  نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى: ھازىرقى تەمىنات ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 350 يۈەن تارقىتىلىدۇ. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن كىشىلەردىن 60 ياشقا توشقان، ئائىلىسىدە ھەقىقىي قىيىنچىلىق بولۇپ، ھەق تاپشۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا، ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرمىسىمۇ، ھازىرقى تەمىنات ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر ئادەم ھەر ئايدا بىۋاسىتە 350 يۈەن تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ياشانغاندا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ سىياسەت 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش

  تەتبىقلىنىدىغان كىشىلەر توپى: بىرىنچى، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار ۋە يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى.

  نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى: پايدىسى ئاز تۈر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندىغانلار ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 5000 يۈەن مەھەللە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مەھەللە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بىر تۇتاش پايدىلىنىپ، كۆچمە مال سېتىش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، شەھەر-بازارلاردىكى سودا ئاۋات يول بۆلەكلىرىدە يايما يېيىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  تەتبىقلىنىدىغان كىشلەر توپى: ئىككىنچى، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلغان كارخانا(ئورۇن)، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكۇملارنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئىشسىزلار.

  نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك كارخانا(ئورۇن)لار، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ يىغىندىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرىنىڭ شەخىس ئۆزى ئەمەلىي تاپشۇرىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنىڭ يىغىندىسىغىمۇ ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەمدە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغانلارغا، ئەمەلىي تاپشۇرغان ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ يىغىندىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن تەشكىللىك يۆتكەلگەنلەر ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرسا، ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ ھەمدە ئىدارە تاپشۇرغان ئىجتىمائىي سۇغۇردا ھەققى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

  يېزىلاردىكى ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكۇملارنى پۈتكۈزگەنلەر، شۇنداقلا 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىزلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكىسىغا قاتناشسا، پىراكتىكا مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ياردەم پۇلىنىڭ مۇددىتى ئەمەلىي پىراكتىكا مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

   ماھارەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش(تەربىيەلەش)

  تەتبىقلىنىدىغان كىشىلەر توپى: نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، نامرات ئەمگەك كۈچلىرى.

  نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى: نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، نامرات ئەمگەك كۈچىلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1800 يۈەندىن كەسىپ(ئىش تۈرى) ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، مەخسۇس كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەنگەنلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 400 يۈەندىن كەسىپ(ئىش تۈرى) ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  كارخانا يېڭىدىن قوبۇل قىلغان نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى كارخانىلارنىڭ يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلىسە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىلارنىڭ ھەر بىرىگە يىلىغا 4000 مىڭ يۈەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشچىلارنىڭ ھەر بىرىگە يىلىغا 5000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە، كارخانىلارغا تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ياردەم پۇلىنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  كارخانىلار يېڭىدىن قوبۇل قىلغان نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلىگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر ئادەمگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 1800 يۈەن ئۆلچەم بويىچە، كارخانىلارغا تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 160 يۈەندىن كەسىپ(ئىش تۈرى) ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە كەسپىي ماھارەت باھالاپ بېكىتىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 يۈەندىن كەسىپ(ئىش تۈرى) بويىچە مەخسۇس ئىقتىدارىنى باھالاش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى