تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قەشقەر شەھىرى: «چوپان» كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ «بېيىش ناخشىسى» ياڭراتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار: چاڭ ياپىڭ، خوۋ يەنخۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دۆڭئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن مامۇت يېڭى تۇغۇلغان قوزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.

  نەچچە يىل ئىلگىرى، ياسىن مامۇت بىر تىرانسىپورت شوپۇرى ئىدى. «مەن 2007-يىلىدىن باشلاپ شوپۇرلۇق قىلغان، 2013-يىلى ئۆزۈمنىڭ بەش ئاممىۋى ئاپتوبۇسۇمنى سېتىۋېتىپ، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردۇم.» ھەمكارلىق كوپىراتىپى 1000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى، ئىشخانا قاتارلىقلار رەتلىك سېلىنغانىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى 6-ئايدا، ياسىن مامۇت ئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كەلگەن، ئۇ ئۆز ھويلىسىدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇشنى، يۇرتداشلارغا باشلامچىلىق قىلىپ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان.

  «ياسىن مامۇتنىڭ ئويى شىنجاڭ خۇادىيەن قەشقەر تېرمو ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دۆڭئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار ياسىن مامۇتقا 60 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ھەل قىلىپ بەردى، ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېي.

  ياسىن مامۇت ئىلگىرى چارۋا ئېلىپ سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققاچقا، چارۋا قوتىنىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق قوينى سېتىۋېلىپ باقمىچىلىق قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بەش نەپەر نامرات ئاھالىنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىدىغان 12 كەنت ئاھالىسىنىڭ 185 قويىنى ۋاكالىتەن بېقىپ بەردى.

  باققان قوينىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قوي قوتىنىنىڭ كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيدى. «ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئۈچ يىللىق ۋاكالىتەن بېقىش توختامى ئىمزالىدۇق، قوينىڭ پايدىسى سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ، ئۈچ يىل ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق توختاملاشساق بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا ئىشلىگىلى چىققاندا قويلىرىغا قارايدىغان ئادەم بولماسلىقتەك مەسىلىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ياسىن مامۇت.

  كېيىن، ياسىن مامۇت يەنە ئالدى ھويلىسىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. «بىزنىڭ يەنە 500 مو يېڭى تېرىلغۇ يېرىمىز بار، كەلگۈسىدە شاپتۇل، ئۆرۈك قاتارلىقلارنى تېرىيمىز. يەنە ئاز-تولا بېدە، بۇغداي قاتارلىقلارنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ يەم-خەشەك قىلىمىز. ھەمكارلىق كوپىراتىپى مېۋە ئۈزۈش، دېھقانلار ئارامگاھىنى بىر گەۋدە قىلغان خاس ئىستىراھەت ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى