تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ۋە سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ۋە سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە نامايان بولغان روھ ۋە كۈچنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىجىل چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكنى، ئاجىز تۈرلەرنى تېز تولۇقلاپ، ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈزۈك نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەلالاشتۇرۇشقا، كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش؛ نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش؛ كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپ ۋە ئەۋزەل كەسىپلەرنى مۇستەھكەملەش، يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىپ، مۇھىم، زور تۈر سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قاتتىق تۇتۇپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئاساسنى پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، تىرىشىپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت، قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىنى ياخشى قېزىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئەخلاق - پەزىلىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ياخشى كەيپىيات تىكلەش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، ئىزچىل، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئونىنچىدىن، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.