تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ سانى 38 مىڭ 943غا يەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئېلىمىزدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 943كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 3281 كوپىراتىپقا يەتكەن؛  بېيجىڭ ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، 3062 كوپىراتىپ بار ئىكەن.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019-يىلى 4-پەسىللىك مەملىكەت بويىچە ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىي كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 50 مىليون 733 مىڭ 600 ئادەم قېتىم، 119 مىليون 718 مىڭ 400 ئادەم كۈنگە يەتكەن. ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ساياھىتىدە كۈتۈۋېلىنغان ئادەم قېتىم سانى بويىچە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغان رايونلار تەرتىپ بويىچە جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، ئەنخۇي، شاڭخەي، خەينەن، يۈننەن، خۇنەندىن ئىبارەت.

مۇخبىر يۈ جۈنجيې

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش