تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ شىنيەن خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بورتالاغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە 10 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ماي قاچىلاش بېلىتى تارقىتىشنى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بورتالاغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.
بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئېلېكترونلۇق ماي قاچىلاش بېلىتىنى تارقىتىش ئوبيېكىتى شىنجاڭدا نوپۇسى ياكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بورتالا ئوبلاستىنى ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان. تارقىتىش ۋاقتى 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. تارقىتىش ئۇسۇلى: جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىنىڭ يۈنشەنفۇ 云闪付)App)سى ئارقىلىق تارقىتىش، تۆلەش، تەكشۈرۈپ ھېساباتىن كۆتۈرۈۋېتىش، راسچوت قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىم بورتالا ئوبلاستى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئېلېكترونلۇق ماي قاچىلاش بېلىتىدىن 100 مىڭنى تارقاتتى، ھەر بىرى 100 يۈەن قىممتىىدە بولۇپ، جەمئىي 10 مىليون يۈەن.
شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بورتالاغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بورتالا ئوبلاستى تەۋەسىدىكى بەلگىلەنگەن مېھمانساراي(5-شىسى قوشئۆگۈز شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)لاردا بىر قېتىم قونغان يۈنشەنفۇ App ئىستېمالىنى تاماملىسا، 100 يۈەن قىممىتىدىكى ئېلېكترونلۇق ماي قاچىلاش بېلىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ بېلەت ساياھەتچىلەر ئېلېكترونلۇق ماي قاچىلاش بېلىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتسە بىكار قىلىنىدۇ ھەم ئاپتوماتىك ھالدا قايتۇرۇلىدۇ. كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى بورتالا ئوبلاستىدىكى خالىغان جۇڭگو نېفىتى ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈنشەنفۇ Appسى ئارقىلىق 200 يۈەن ئىستېمال قىلسا، 100 يۈەنلىك ماي قاچىلاش بېلىتى ئېتىبار بېرىلىدۇ، پائالىيەت مەزگىلىدە، ھەربىر ساياھەتچى بىر بېلەتنى پەقەت بىر قېتىملا ئىشلىتەلەيدۇ.