تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چاپچال ناھىيەسى: ئەسلىھەلىك باغ-ئورمانچىلىق ئاممىنى بېيىتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز دۇ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جياجۈن خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى لياڭفەن مەيدانى توغاچ ئۆستۈرۈش بازىسىدا، باغۋەن شاۋ مىڭيۈ پارنىكىدىكى توغاچلىرىنى پەرۋىش قىلىۋاتاتتى، قىزىرىپ پىشقان توغاچلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. «ئەسلىھەلىك توغاچ ئۆستۈرۈش كۈچنى، ئىشنى تىجەيدىكەن، باھا مۇقىم، تېخنىكا ياخشى بولۇپ، ياخشى باشقۇرغاندا، بىر پارنىكتىن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن» دېدى شاۋ مىڭيۈ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال ناھىيەسى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ئەسلىھەلىك باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېزا ئىگىلىكىدە كىرىمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى قىلىپ تۇتۇپ، پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، ۋاقىت پەرقىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇپ، ھەميېنىنى تومپايتتى. ھازىر، بۇ ناھىيەدە جەمئىي ئەسلىھەلىك توغاچ پارنىكىدىن 140ى، ئەسلىھەلىك ئۈزۈم پارنىكىدىن 20سى، ئەسلىھەلىك بۆلجۈرگەن پارنىكىدىن 135بار.

  شاۋ مىڭيۈ مۇنداق دېدى: «مەن بەش پارنىكتا توغاچ ئۆستۈردۈم، 2018-يىلى تىكىپ كىيىنكى يىلىلا ھوسۇل ئالدىم، بىر پارنىكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىككى توننىدىن ئاشىدۇ، ھەر بىر پارنىكتىن 26 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، ئومۇمىي كىرىم 130 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ئەسلىھەلىك توغاچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر تەرەپتىن ۋاقىت پەرقىدە ئۇتۇش ئۈچۈندۇر. توغاچ كۆپ مىقداردا بازارغا سېلىنمىغاندا، ئەسلىھەلىك توغاچ بازارغا سېلىنىپ بولىدۇ، باھاسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ھەر كىلوگرامى 18 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە سېتىلىدۇ».

  يەنە بىر تەرەپتىن سۈپەت چىڭ تۇتۇلدى. بۇ ناھىيە ئەسلىھەلىك توغاچ ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ھەسەل ھەرىسىنى چاڭلاشتۇرۇش، خالتا ئوراش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، «زىيانسىز يېشىل مېۋە مەھسۇلاتى» ئۆلچىمى بويىچە تېرىدى، بىردەك مەھەللىۋى ئوغۇت قاتارلىق ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەتتى. تېخنىكلار ناھىيە بويىچە ئەسلىھەلىك توغاچنى دەم ئالدۇرۇش، چاتاش، چېچەكلىتىش، چاڭلاشتۇرۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوغۇتلاش، مېۋە ئېسىش، ئۈزۈش قاتارلىق ھەربىر ھالقىنى ئىز قوغلاپ باشقۇردى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ توغاچنى ئىلمىي ئۆستۈرۈش سەۋىيەسى ئۆستى ھەم توغاچنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  مۇخبىرلار ئەسلىھەلىك ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى يى شيانىڭ پارنىكىدا ئەمدىلا چېكىلگەن كۆپكۆك ئۈزۈملەرنى كۆردى، يى شيا مۇنداق دېدى: «ئەسلىھەلىك ئۈزۈم تۇنجى يىلى تىكىش، ئىككىنچى يىلى مېۋىلەش، ئۈچ يىلدىن كېيىن تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىدۇ. ئالدىنقى يىللاردا، بىز لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن قارا ھەسەل ۋە قارا مەرۋايىتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۈزۈم سورتىنى كىرگۈزدۇق، بۇلتۇر بىر ئۈزۈم پارنىكىنىڭ كىرىمى 40 مىڭ يۈەنگە يەتتى».

  يى شيا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل تېرىلغان ئۈزۈملەرنىڭ 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سېتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە، بازارغا بالدۇر سېلىنىدۇ، ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 18 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە بولىدۇ، چوڭ ئېتىزلىقتىكى ئۈزۈمنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتىغا قارىغاندا 10 نەچچە يۈەن قىممەت بولىدۇ. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەچكە بۇ يىل تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئەسلىھەلىك ئۈزۈمنى كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى <تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ>كە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى