تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چۈەن نا خەۋەرى): 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى قوشتوغراق كەنتىدىكى ئەنۋەر سايىت لاپاستا مۇچ مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، گەرچە ئالدىنقى كۈنى كېچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سەل سوغۇق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنۋەرنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولغانىدى.

«شۆ ئىنىم، تېخنىكلار ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ دەيدۇ، بۈگۈن تۆتىنچى كۈنى، پارنىكقا بېرىپ قارىسام كۆكپىت كېسىلى ۋە سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى ساقىيىپ كېتىپتۇ.» ئەنۋەر يانفونىنى ئېلىپ شۆ ئىنىسىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

ئەنۋەرنىڭ ئېغىزىدىكى «شۆ ئىنىسى» پەيزاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۆ شۇفېي ئىدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن مۇچ مايسىسىدا پەيدا بولغان كۆكپىت كېسىلى ۋە سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى ئۇنى تەمتىرىتىپ قويغاچقا، دەرھال «ئىنىسى» شۆ ئەترەت باشلىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تەدبىر قوللاندى.

«ئەنۋەر ئاكام ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن پارنىكقا بېرىپ قارىسام كۆكپىت كېسىلى، سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەن، دەرھال تېخنىكلارنى نەق مەيداندا كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم» دېدى شۆ شۇفېي.

ئەنۋەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بىجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. 2016-يىلى چوڭ قىزى بۆرەك سۇلۇق ئىششىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالىنىش خىراجىتى ئەسلىدىمۇ باياشات بولمىغان بۇ ئائىلىگە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى، ئەنۋەر ئىنتايىن تىت-تىت بولدى، ئائىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، پۇل تېپىشنىڭ يولىنى تاپالماي قالدى.

 ئاكىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش دېگەن مەسىلە شۆ شۇفېي جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئەنۋەر ئاز سوممىلىق قەرز ئىلتىماس قىلىپ، ئىككى موزاي سېتىۋالدى ۋە بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئەنۋەر يەنە كالا بېقىپ تاپقان پۇلىغا بەش قوي سېتىۋالدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە قەرزنى قايتۇرۇپ بولدى.

2019-يىلى، كەنت پارنىك تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىنى ئومۇملاشتۇردى. ئەنۋەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى. بىر پارنىك پۈتتى، ئۇ يەنە بىر پارنىك ياساش ئارقىلىق ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدى. بىر قارارغا كېلەلمىگەندە ئۇ يەنە شۆ شۇفېينى ئىزدەپ، بىر قارارغا كېلىشكە ياردەم سورىدى.

«شۆ ئىنىم مېنىڭ ئويۇمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى قوللىدى، ماڭا پارنىك ياساپ بېرىپلا قالماي، تېخنىكلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. ھەتتا سېتىش يولىمۇ ھەل بولدى. 2019-يىلى ئىككى پارنىكنىڭ ساپ كىرىمى 12 مىڭ يۈەنگە يەتتى. پارنىك تېرىقچىلىقى تىلغا ئېلىنسا ئەنۋەر خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئەنۋەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىپ، كەلگۈسى تۇرمۇشى تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدى. ئۇنىڭ شۆ شۇفېي بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مېھرى ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى يېزىپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى