5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىڭخەي لاجيا دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىلىكى باغچىسىدىكى VR ھېس قىلىش رايونىدا سىناپ باقماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: «شەرقتىكى پومپېي قەدىمىي شەھىرى» دەپ ئاتالغان چىڭخەي لاجيا دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىلىكى باغچىسى چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدوڭ شەھىرى مىنخې خۇيزۇ-تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى گۇەنتىڭ بازىرى لاجيا كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلاردىن قېزىلغان، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى چىجيا مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى مەھەللە خارابىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يەنە جۇڭگودىكى ھازىرغىچە بايقالغان بىردىنبىر چوڭ تىپتىكى ئاپەت خارابىلىكى، تارىختىكى يەر تەۋرەش، خۇاڭخې دەرياسىدىكى زور كەلكۈن ۋە لاتقا شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق نۇرغۇن ئاپەتلەرنىڭ ئىزى ساقلانغان.
بۇ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان چىڭخەي لاجيا دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىلىكى باغچىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).
5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىڭخەي لاجيا دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىلىكى باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
بۇ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان چىڭخەي لاجيا دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىلىكى باغچىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لوڭ خەۋىرى، فوتوسى