5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، بارابان ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەشىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «قۇملۇق باشلانغۇچ مەكتىپى». 2017-يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى باكىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدا، بۇ چەت-ياقا كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بارغانسېرى ياخشى قۇرۇلدى. قۇملۇقتىن كەمدىن-كەم چىقىپ باققان 330دىن ئارتۇق بالا كومپيۇتىر ئۆگىنىپ، پىيانىنو چېلىپ، نەزەر دائىرىسى ۋە بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز موللاشتۇردى.
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئەۋرىشكىلەرنى كۆزەتمەكتە.
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى جياڭ رۇي(سولدىن ئىككىنچى)نىڭ يېتەكچىلىكىدە پىيانىنو چېلىشنى مەشىق قىلماقتا.
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئۈچىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى مىڭ زىدۇڭ(سولدىن ئىككىنچى)نىڭ يېتەكچىلىكىدە كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى ئۆگەنمەكتە.
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تۆتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئايبۇلاق بارابان ئەترىتىنىڭ مەشىقىگە قاتناشماقتا.
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، بىر ئوقۇغۇچى پىيانىنو مەشىق قىلماقتا.