تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئېتىز بېشى ساياھىتى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش

يۆ يەنيۈن

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى 1000 مولۇق «تىيانشان گۈل دېڭىزى» تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 600 مولۇق گۈلزارلىق، 300 مولۇق ئۈستىقۇددۇس باغچىسى ۋە 100 مولۇق باغ - ئورمان مېۋە ئۈزۈش باغچىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان. مىدۇڭ رايونى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئېتىز بېشى ساياھىتى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېتىزلارنى گۈل دېڭىزى، مېۋىلىك باغلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، 1 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات زور يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

ئېتىزلىقلاردا گۈزەل مەنزىرە بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولى، دېھقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر پارچە ئېتىزنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى ئۈلۈش پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن، بىر ئۈلۈشىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆزىدىن كېلىدىغانلىقىدىن، يەنە بىر ئۈلۈشىنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئېتىز مەنزىرە رايونىدىكى قونالغۇدا قونۇشى، غىزالىنىشى قاتارلىق ئىستېمالدىن كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تەدبىر «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جاي «ئېتىز بېشى ساياھىتى»نى كۆڭۈل قويۇپ تەرەققىي قىلدۇرماقتا. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناداچى نېرۇ يېزىسى ئېتىزلىقنى رەسىم سىزىش رەختى، مايسىلارنى رەڭلىك قەلەم قىلىپ، شاللىقتا سىزىپ چىققان شەكلى ھەر خىل رەسىملەر ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ؛ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى 10 مىڭ مولۇق بۇغدايلىق بەرپا قىلغان بولۇپ، بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، دولقۇنلىنىپ تۇرغان بۇغدايلار كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ھازىر بۇ ئىككى جايدىكى مەنزىرىنىڭ خېلىلا نامى چىققان بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «ئېتىز بېشى ساياھىتى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن سۈپەتلىك ماركىنىڭ شۆھرىتىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى، ھەم قۇرغاق يەر، ھەم سۇلۇق ئېتىز بار، ھەم ئاشلىق تېرىشقا باب كېلىدىغان، ھەم ئورمان بەرپا قىلىشقا باب كېلىدىغان بولۇپ، «ئېتىز بېشى ساياھىتى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش زور ئىستىقبالغا ئىگە. ئېتىزلارنى مەنزىرىلىك جايغا ئايلاندۇرۇش داۋامىدا كۆپرەك ئىش قىلغاندا، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى