تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش» شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: نۆۋەتتە، مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش چىقىمىنى كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇن چىقىم قىلىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسىنى بېكىتىش چارىسىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنى ھەل قىلىش ۋە گەۋدىلەندۈرۈشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن «شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى <شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش> سىياسىتى بويىچە قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قايتۇرغان جاۋابىدا دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ «شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش»نى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاڭ شىن مۇنداق دېدى: «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي سېلىنمىسى 65 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئېلېكتىر تورى كۆلىمى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق، يىراق ئارىلىقلىق، چوڭ سىغىملىق شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تىرەكلىك، كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى پائال نەتىجە يارىتىپ، 2011 - يىلىدىن باشلاپ شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا «شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ 220 كىلوۋولتتىن 750 كىلوۋولتقىچە بولغان توك بېسىمى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكقا ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي غول ئېلېكتىر تور رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

جاڭ شىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت قاتلىمىدىن «شەرق غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش»نى قوللاش سىياسىتى چىقىرىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈرىنىڭ توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش چارىسى ھەل قىلىنىپ، شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلسا. 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى، توك تەقسىملەش تورى قۇرۇلۇشى داۋاملىق تېزلىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىنسا.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قايتۇرغان جاۋابىدا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى سېلىنمىسى، بولۇپمۇ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، 2016 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە جەمئىي 5 مىليارد 890 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى، 2019 - يىلى شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە 5 مىليارد 520 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ «شەرق، غەربكە ياردەم بېرىش - يۆلەش»كە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى