تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋاڭ ياڭخۇ: ۋۇجۇدىغا «ئەمەلىي ئىشلەش، پاك ياشاش» سىڭگەن ئادەم

ۋاڭ ياڭخۇ خوتۇنى ۋېن شۇچىن بىلەن ئۆيىدە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چاڭچۈن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر شۈ زىخېڭ) 55 يىل ئىلگىرى، 22 ياشلىق بىر ياش پارتىيە بايرىقى ئاستىدا قولىنى كۆتۈردى... شۇنىڭدىن باشلاپ تەنتەنىلىك غايە - ئېتىقاد ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قەسىمىگە ئايلاندى.

جىلىن ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ۋاڭ ياڭخۇ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا ياشاپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتتى. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ۋاڭ ياڭخۇ بىر ئۆمۈر ھەقىقىي ياشىدى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى «تۈپ ئۆلچەم سىزىقى» ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۆز - ئۆزىگە قويغان تەلىپى ئىدى.

1960 - يىلى ۋاڭ ياڭخۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، پارتىيە ئىشلىرى، ئىشچىلار، ياشلار، ئاياللار، جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئىشلىرىغا ئاساسلىق مەسئۇل بولغان؛ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، مالىيە - سودا ۋە سۇچىلىقنى تۇتقان، ئۇ تىرىشىپ ئۆزىنى كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇرغان. «يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش، تەتقىق قىلىش» ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭگۈشتەرى.

«ئۇ نېمە ئىش قىلسۇن، قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانسۇن، خىزمىتى قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، قانچە چارچاپ كەتسىمۇ، ئۆيگە قايتقاندا جەزمەن كىتاب ئوقۇپ، گېزىت كۆرۈپ ماتېرىياللارنى رەتلەيتتى» دېدى جىلىن ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتى بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ سابىق باشقارما باشلىقى ما دېفۇ.

كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۇ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىدى، ئۇ سۇنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلىدە، سۇ، تۇپراقنى قوغداش بىلەن يانتۇ ئېتىز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن «بامبۇك بوغۇملۇق پەلەمپەيسىمان ئېتىز ئۇسۇلى»نى كەشىپ قىلدى، يەنە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ھەممە ئېتىراپ قىلغان «ئۇنۋانسىز سۇچىلىق مۇتەخەسسىسى» بولۇپ قالغان.

ئۇ سوۋغا قوبۇل قىلىپ باقمىغان، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمىگەن، بىر ئۆمۈر پاك - پاكىز ئۆتكەن. جىلىن ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى بولغاندا، بىر كىتاب ئىشكاپى، ئىككى ياغاچ ساندۇق، ئىككى ئىدىش ئاساسەن ئۇنىڭ بارلىق بىساتى ئىدى.

خىزمىتى يىل بويى سىرتتا بولغاچقا، ئۇ ئىشخانىدا يېتىپ - قوپۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مېھمانخانا ياكى مېھمانسارايلاردا ياتمايتتى، ئۇنىڭ كارىۋىتى ئاستىدا ھامان بىر يەشىك تەييار چۆپ بار ئىدى، يەنە ئۇنىڭغا ئون نەچچە يىل ھەمراھ بولغان كىچىك ئاليومىن قازانمۇ بار ئىدى. ۋاڭ ياڭخۇ بېلىق يېيىشكە ئامراق بولسىمۇ، لېكىن جىلىن ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان مەزگىلدە، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان سۇ ئامبىرىدىكىلەرنىڭ سوۋغات بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بېلىق يېمەيمەن دەپ يالغان ئېيتاتتى.

ۋاڭ ياڭخۇ يەنە بىر «تۆمۈر قۇلۇپ» بولۇپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيتتى.

ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىناۋىتىدىن پايدىلىنالمايتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەپتە ئاخىرىدا سىرتقا چىققاندا، ئەزەلدىن ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ باقمىغان. خوتۇنى بىلەن ئىككى جايدا ئايرىلىپ 30 نەچچە يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بېلەت سېتىۋېلىپ پويىزغا ئولتۇراتتى. كىچىك قىزىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللانغۇسى بار ئىدى، لېكىن ئۇ: «خام خىيال قىلما، بۇنىڭغا تېگىشكىمۇ بولمايدۇ، نورمال خېرىدار چاقىرىشقا قاتنىشىشقىمۇ بولمايدۇ!» دېگەن.

1998 - يىلىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشتىن كېيىن، دۆلەت سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، ئۇ مەبلەغ ئىشلىتىش ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. 1999 - يىلى دۆلەت ۋە ئۆلكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش - باشقۇرۇشىنى 14 تۈركۈم (قېتىم) تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىنى بايقىمىغان. سۇچىلىق مەخسۇس تۈر مەبلىغىدە قۇرۇلغان تۈرلەرگە قارىتا 44 مىڭ 628 قېتىم سۈپەت تەكشۈرۈشى قىلغان، بىرلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك نىسبىتى %100كە يەتكەن.

«پاك بولۇش، ئىش قىلىش، ئىشنى قولدىن چىقىرىش» ئۇ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئىدى. 2003 - يىلى ۋاڭ ياڭخۇ جىلىن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندا، ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىلا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە نەتىجە يارىتىش كېرەك، 2005 - يىلى جىلىن ئۆلكىسى نىزام چىقارغاندىن كېيىن باھالاش مېخانىزمىنى ئورناتقان، 2009 - يىلى جىلىن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۇنجى قېتىم پۇقرالارنى ئىسپات ئاڭلاپ نىزام چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان.

ۋاڭ ياڭخۇ 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. تامچە سۇدىن دېڭىزنى كۆرگىلى بولىدۇ، قانداق كۈچ ۋاڭ ياڭخۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا تىرەك بولدى؟

جىلىن ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتى پىلان - پىلانلاش - مالىيە باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى خەن يوۋلى مۇنداق دېدى: «پارتىيە بايرىقى ئاستىدا قەسەم بەرگەن كۈندىن باشلاپ، ئۇ شۇنى چۈشەندىكى، پارتىيە ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش كېرەك، مانا بۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل كىشىلىك ھاياتىغا تىرەك بولغان غايە - ئېتىقاد!»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش