تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

شېن شىڭ: بىر سەكرەپلا يۇلتۇزلۇق ئاسماننى چاقنىتىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شۇەنجيې، لى بىڭفېڭ

شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭجوۋ شەھىرىدىكى نەنياڭخې دەرياسى بويىدا، ھەربىي شېن شىڭنىڭ مىس ھەيكىلى خۇددى بۇ قەدىمىي شەھەرنى كېچە - كۈندۈز قوغداۋاتقاندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

شېن شىڭ شەنشى يەنلياڭدىن، 1981 - يىلى تۇغۇلغان، 2000 - يىلى ھەربىي سەپكە كىرگەن، ھايات چېغىدا سابىق 2 - توپچىلار قىسمى قۇرۇلۇش داشۆسى شىگۇەنلەر كەسپىي تېخنىكا مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىك سەنمۇسى ئىدى، 2010 - يىلى ھەربىي قورال - جابدۇق ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شېن شىڭ چىڭجوۋغا قايتىپ ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالە ماتېرىياللىرىنى يىغىپ بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە ۋۇخەندىكى مەكتەپكە قايتماقچى بولغان. ئادەتتىكى چاغلاردا قىزى بىلەن جەم بولغان ۋاقتى ئاز، ئايرىلغان ۋاقتى كۆپ بولغاچقا، ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇنقى ئازراق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قىزىغا كۆپرەك ھەمراھ بولماقچى بولغان.

سائەت 10لاردا، شېن شىڭ تۆت ياشلىق قىزىنى ئېلىپ نەنياڭخې دەرياسى بويىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا، دەريا بويىدا قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋاز ئاڭلانغان، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي يۈگۈرۈپ بېرىپ، دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆتۈرگەن. دەريا قېشى تېيىلغاق بولغاچقا، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچى ئارقا - ئارقىدىن سۇغا تېيىلىپ چۈشۈپ كەتكەن، شېن شىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئۇنى قىرغاققا ئىتتىرگەن. ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن ئاممىنىڭ ياردىمىدە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، شېن شىڭ ھالىدىن كېتىپ دەرياغا چۆكۈپ كېتىپ قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئاران 31 ياشتا ئىدى.

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قەدىمىي شەھەر چىڭجوۋدىكى ھەممە كىشى ئۆيلىرىدىن چىقتى، سانسىزلىغان شەھەر ئاھالىسى كوچىغا چىقىپ، خۇددى ئۇرۇق - تۇغقىنىنى ئۇزاتقاندەك، قەھرىماننى كۆز يېشى بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. كەڭ ئامما شام يورۇقىدا ياد ئېتىش، شېئىر - نەزمە يېزىش، توردا سۆز قالدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆزلۈكىدىن قانات يايدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە بۇ قەھرىماننى ياد ئەتتى.

ئوقۇتقۇچىلىرى، سەپداشلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدە، شېن شىڭ ئىزچىل ياخشى ئوقۇغۇچى، ياخشى ئۈلگە، نەتىجىسى ئەلا، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، باتۇر، دۇرۇس ئادەم. شېن شىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق بىر جۈملە يازغان: خەلق ئاممىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغدا، ئۇلار ياردەمگە موھتاج بولغان چاغدا كىمنى ئويلايدۇ، بىز ئەمەسمۇ؟ ھەربىيلەرنىڭ قەدىر - قىممىتى نەدە؟ خەتەرلىك پەيتتە كارامىتىنى كۆرسىتىشتە ئەمەسمۇ؟

خەتەرلىك پەيتتە ھايات - ماماتى بىلەن ھېسابلاشماي، بىرلا سەكرەپ يۇلتۇزلۇق ئاسماننى يورۇتتى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى شېن شىڭغا «جۇڭگو ياشلىرىنىڭ 4 - ماي مېدالى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى، سابىق 2 - توپچىلار قىسمى شېن شىڭغا «خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئوفىتسېر» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى. 2013 - يىلى 9 - ئايدا شېن شىڭ 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ سايلاندى.

قەھرىمان مەڭگۈ كىشىلەر قەلبىدە. شېن شىڭ ھايات چېغىدا تۇرغان قىسىم قەھرىمان شېن شىڭ خاتىرە سارىيى قۇردى، قىسىم ھويلىسىدا يەنە بىر «شېن شىڭ يولى» بار؛ شېن شىڭ ئادەم قۇتقۇزغان جايغا يېقىن يەردىكى بىر نامسىز كۆۋرۈككە «شېن شىڭ كۆۋرۈكى» دەپ نام بېرىلدى. «يۇلتۇزلار قاتار گوياكى ھەسەن - ھۈسەن... ئۇزۇن يولدا پۈتۈلگەن ساداقەت، ئەزىم دەريا ئاقار ئەبەدتىن ئەبەد، ئۇزۇن شەمشەر بۇرچتىن ئالار مەدەت.» بۇ «چىڭجوۋ ئەسلىمىسى» ناملىق ناخشا كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى جىنەن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى