تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

فۇ لىجى: ھاياتى بەدىلىگە چېگرا ئېغىزىنى قوغدىغان «پىداكار ئەزىمەت»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى كۇنمىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر فەن يۇڭچياڭ) ئۇ كېتىپ قالدى، چەمى تېشىلىپ كەتكەن بىر جۈپ رېزىنكە ئاياغ، كونىراپ سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن بىر سۇداننى قالدۇرۇپ قويدى، بۇ چارلاش لىنىيەسىدىكى 50 نەچچە كەنتنى بېسىپ ئۆتكەندە قېپقالغان ئىز؛ ئۇ كېتىپ قالدى، داڭلىق «جۇڭسەندىكى باتۇر يولۋاس ليەنى»نى قالدۇرۇپ قويدى، بۇ، ئۇ ئالتە قېتىم يارىلىنىش، بەش قېتىم ھاياتى خەۋپكە دۇچ كېلىش جەريانىدا چېنىقتۇرۇپ چىققان ئەسكەرلەر؛ ئۇ كېتىپ قالدى، ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسى ۋە كىچىك بالىسىنى قالدۇرۇپ قويدى، غەربىي جەنۇب چېگرا مۇداپىئە تۇەنىگە كەلگەن ئالتە يىلدا، ئۇنىڭ خوتۇن - بالىلىرىغا ھەمراھ بولغان ۋاقتى ئاران 17 كۈن بولدى ...

2013 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۇەنى 2 - ليەنىنىڭ ليەنجاڭى فۇ لىجى توغرا يوللۇق مۇسكۇل ئېرىپ كۆپ ئەزانىڭ زەئىپلىشىشى ئەگىشىپ قوزغىلىش سەۋەبىدىن، ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىدا يىقىلدى.

فۇ لىجى، خېنەن خۇاشيەن ناھىيەسىدىن، 1982 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، 2001 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە كىرگەن، 2004 - يىلى 3 - ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پەيجاڭ، مۇئاۋىن سىياسىي جىداۋيۈەن، ليەنجاڭ بولغان. ھەربىي سەپكە كىرگەندىن بۇيان، ئۇ باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ غايىسى، ئارزۇ - تىلىكىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ سەرخىل قوشۇننى چېنىقتۇرغان، پۈتۈن زېھنى ۋە بارلىق ئەقىل - پاراسىتى بىلەن غەلىبە قىلىشنى كۆزلەپ، ھاياتى بەدىلىگە چېگرا ئېغىزىنى ساقلاش، بۇرچى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك مۇنەۋۋەر ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش قەسىمىنى يېزىپ چىققان.

فۇ لىجى كىچىكىدىنلا قەلبىگە ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ئارزۇسىنى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى پۈكۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن ھەربىي گازارمىغا ئاتلانغان. ئارزۇ - ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۇ باشتىن - ئاخىر يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان غەيرەت بىلەن پائال ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ھەر يىلى مۇنەۋۋەر ئەسكەر بولۇپ باھالىنىپ، ليەندۈيدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تەرىپىدىن «پولات جەڭچى» دەپ ئاتالغان.

ليەنجاڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇ شەمشەرنى تاۋلاش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىنى تاۋلاش، قىسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغاننى ئالدى بىلەن ئۆزى ئىشقا ئاشۇرغان. ليەنجاڭ بولغان ئىككى يىلدا، فۇ لىجى شەخسىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە يەتتە يەككە تۈردە بىرىنچى، تۆت ئومۇمىي ماھارەت تۈرىدە بىرىنچى بولغان، ليەندۈينى باشلاپ 12 يەككە تۈردە بىرىنچىلىكنى، ئۈچ كوللېكتىپ تۈردە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن. ليەندۈي ھەر يىلى «ھەربىي ئىشلار تەلىم - تەربىيەسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالىنىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئامما ۋە قوشنا قىسىملار تەرىپىدىن «جۇڭسەندىكى باتۇر يولۋاس ليەنى» دەپ تەرىپلەنگەن.

ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى باشلاپ 20 قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنسىز ئەتكەسچىلىك ھەرىكىتىگە زەربە بېرىپ، 1000 توننىدىن ئارتۇق ئەتكەس ماددىي ئەشيانى تۇتۇپ قېلىپ، دۆلەت ئۈچۈن 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇپ كەلگەن.

«جان تىكىپ مەشىق قىلمىساق، جەڭدە جېنىمىزدىن ئايرىلىمىز.» ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن بۇيان، فۇ لىجى باشتىن - ئاخىر شان - شەرەپنى قەدىرلەشنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قىلىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.

2013 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تۇەندۈي 6 - نۆۋەتلىك «ئارمىيەنى سۆيۈش، قالتىس ماھارەت يېتىلدۈرۈش» ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگەن، خېنەندىكى ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان فۇ لىجى ئەسلىدە قاتناشمىسىمۇ بولاتتى، لېكىن ليەندۈيدىن خاتىرجەم بولالمىغان ئۇ ئاخىر قىسىمغا قايتىپ كەلگەن.

6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۇدا ئىككى كۈن يۇقىرى سىجىللىقتىكى سىناقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 2 - ليەننىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى پۈتۈن تۇەن بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان، فۇ لىجىنىڭ شەخسىي نەتىجىسى كادىرلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان. دالىدا قوراللىق بەش كىلومېتىر يۈگۈرۈش ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۈرى، 2 - ليەننىڭ ئەۋزەل تۈرى ئىدى، فۇ لىجى ليەندۈينى باشلاپ چېمپىيونلۇققا قاراپ ئاتاكىغا ئۆتكەن.

يولغا چىققاندىن كېيىن، فۇ لىجى قوشۇننىڭ ئالدى - كەينىگە يۈگۈرۈپ توختىماي مەدەت بەرگەن. تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىرلىق جايغا يۈگۈرۈپ بارغاندا، ئۇنىڭ كالپۇكلىرى كۆكىرىپ، كۆپ مىقداردا تەر چىقىشقا باشلىغان، ئاخىرقى نۇقتىغا تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدىغان جايغا يۈگۈرۈپ كەلگەندە، فۇ لىجى بىردىنلا يىقىلىپ چۈشكەن. جەڭچىلەر ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ، نەپەس ئېلىشىنىڭ قىيىنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەمدى يۈگۈرسە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان. فۇ لىجى داۋاملىق ئالغا قاراپ يۈگۈرگەن، ئەمما پەقەت 100 نەچچە مېتىر يۈگۈرگەندىن كېيىن ھوشىدىن كېتىپ يىقىلغان.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سەھەر سائەت 1دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، فۇ لىجىنىڭ ھاياتى 31 يېشىدا مەڭگۈ توختاپ قالدى. دوختۇرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش دوكلاتىدا: ئۇزاق مۇددەت چارچاپ كەتكەنلىكتىن، جىسمانىي كۈچى ئېغىر دەرىجىدە خوراپ، توغرا يوللۇق مۇسكۇل ئېرىپ كۆپ ئەزانىڭ زەئىپلىشىشى ئەگىشىپ قوزغالغان، دەپ يېزىلغان.

فۇ لىجى ھاياتى بەدىلىگە بىر چېگرا مۇداپىئە ئەسكىرىنىڭ بۇرچنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، شان - شەرەپنى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بىلىشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىنى شەرھلەپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى