تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى تۆت ئايدا ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا 1211 قېتىم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بىلەن جەمئىي 110 مىڭغا يېقىن ئۆلچەملىك ساندۇق ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن - چىقىرىلغان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.28، %37.05 ئېشىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىغان ئومۇمىي سانى ۋە ئومۇمىي ئۆلچەملىك ساندۇقنىڭ %41.47ى ۋە %41.63ىنى ئىگىلەپ، بىردەك پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

4 - ئايدا، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 420 قېتىم، ئۆلچەملىك ساندۇق 38 مىڭ 700 بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.13 ۋە %70.28 ئېشىپ، بىردەك ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئايلىق ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بارغانسېرى كۆپ خەلقئارا پوچتا پوسۇلكىلىرى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ ياۋروپاغا توشۇلدى، ئالدىنقى تۆت ئايدا جەمئىي 226 ئۆلچەملىك ساندۇق پوچتا پوسۇلكىسى «يىۋۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلدى، ماللار ئاساسلىقى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، رەقەملىك مەھسۇلاتلار، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

«4 - ئايدىن بۇيان شىركىتىمىز ۋاكالەتچىلىكىدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز قېتىمدىن توققۇز قېتىمغىچە قاتناپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، بارغانسېرى كۆپ خېرىدار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت شەكلى قىلىپ تاللىدى» دېدى ئالاتاۋ پورتى مەلۇم خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئومۇمىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش − تەدرىجىي ئېشىش − پارتلاش شەكلىدىكى ئېشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. 2 - ئايدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پەقەت بەش قېتىم قاتناپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توققۇز − ئون قېتىم قاتناشقا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى، 2 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئېشىشقا باشلىدى؛ 3 - ئايدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 قېتىمغا يېتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىپ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يەتتى؛ 4 - ئايدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 قېتىمغا يەتتى، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 22 قېتىمغا يېتىپ، پارتلاش شەكلىدە ئېشىش كۆرۈلدى.

«جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، ھاۋا تىرانسپورتى، دېڭىز تىرانسپورتىدىن يۆتكەلگەن مال مەنبەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئالاتاۋ پورتى دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق چېگرادىن كىرىش - چىقىش يولى بولۇشتەك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ» دېدى ئالاتاۋ پورتى تاموژنا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ ۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى