تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاڭچېڭ «تىيانشان يۈرۈشلۈكى» كومپيۇتېرى تولۇق ياساپ چىقىلدى

5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى جۇڭگو چاڭچېڭ (شىنجاڭ) ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، خىزمەتچى خادىملار جۇڭگو چاڭچېڭ (شىنجاڭ) «تىيانشان يۈرۈشلۈكى» كومپيۇتېرلىرىنى قۇراشتۇرماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ بەيناۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئېلېكتىرونلۇق كەسىپلەر باغچىسىدا، جۇڭگو چاڭچېڭ (شىنجاڭ) «تىيانشان يۈرۈشلۈكى» كومپيۇتېرى تولۇق ياساپ چىقىلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جۇڭگو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپى گۇرۇھى جۇڭگو چاڭچېڭ پەن - تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جۇڭگو چاڭچېڭ (شىنجاڭ) ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىپ، يىلىغا 300 مىڭ دانە كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، كومپيۇتېر، مۇلازىمېتىر ھەم مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلارنى يەرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل، شىركەت يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، بەش ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈنچى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيلىرىنى زىننەتلەش، ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇراشتۇرۇشنى تاماملاپ، «تىيانشان يۈرۈشلۈكى» كومپيۇتېرىنى تولۇق ياساشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى.

جۇڭگو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپى گۇرۇھى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور چېن شىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «تىيانشان يۈرۈشلۈكى» كومپيۇتېرىنى تولۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرۇشقا مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ئىككى بازارنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار زاپچاسلىرى، تولۇق كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپى گۇرۇھى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، داۋالاش - ساغلاملىق، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى قوللىنىش، سانائەت ئالاقە تورى، زامانىۋى رەقەملىك شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ھەم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بازىرىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭدىكى بازىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان كەسىپلەر ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى