تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشتى

− قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر كۈن ئىچىدە، چەت ئەلنىڭ بەش ھەربىي ئايروپىلانى شاڭخەيگە «مال ئالغىلى كەلدى»، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىرانسپورت ئايروپىلانى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ - كېتىپ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى توشۇدى، كۆپ دۆلەتنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ، جۇڭگوغا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى «ئالغىلى» كەلدى... بۇ مەزگىلدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى جۇڭگوغا كۆپ قېتىم كېلىپ، جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان تۈركۈم - تۈركۈم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۇچتى.

يۇقۇم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەر جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا، جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىرتقا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ، يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى مۇھىم «ئىستراتېگىيەلىك تەمىنات» بىلەن تەمىنلىدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، جۇڭگو 27 مىليارد 800 مىليون دانە ماسكا، 130 مىليون قۇر مۇداپىئە كىيىمى، 73 مىليون 410 مىڭ كىشىلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش تەجرىبە دورا قۇتىسى، 12 مىليون 570 مىڭ دانە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، 49 مىڭ 100 دانە نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، ئاغرىقنى كۆزىتىدىغان 124 مىڭ دانە كۆزىتىش ئەسۋابى، 43 مىليون 630 مىڭ دانە كۆز ئاسراش ئەينىكى، 854 مىليون جۈپ تاشقى كېسەل بۆلۈمى پەلىيى ئېكسپورت قىلغان. چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق باھا بەردى: «جۇڭگو رېكورت يارىتىش سۈرئىتى بىلەن يەر شارى ئېھتىياجلىق داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى، بۇ، تارىخنى يارىتىدۇ».

كىشىلەرنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جۇڭگو سۇجوۋدىكى بىر كارخانا ۋۇخەن يوللىغان 200 يۈرۈش دېزىنفېكسىيە ئۈسكۈنىسى زاكازىنى تاپشۇرۇۋالغان، يۇقۇم سەۋەبىدىن، ئىشچىلار ئىش ئورنىغا قايتالمىغان، كارخانا مەسئۇلى ئۆزى يالغۇز پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر كۈنى پەقەت ئىككى سائەتتىن كۆپرەكلا ئۇخلاپ، ئۇدا 16 كۈن ئىشلەپ، بارلىق زاكازنى تاماملىغان، ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە جاپا تارتقان بولساممۇ، لېكىن بۇنى يۇقۇم سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەرقانچە چارچىساممۇ ئەرزىيدۇ! ھاياتلىق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاددىي - ساددا قىممەت قارىشى، شۇنداقلا جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاكتىپ كۈچ. ۋىرۇس بىلەن ئېلىشىش، ئۆلۈم بىلەن بەسلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شارائىت ھازىرلىغان رايونلاردا، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى ساھە ھالقىپ كەسىپ ئۆزگەرتىشكە جىددىي سەپەرۋەر قىلدى، ئەسلىدە ئاپتوموبىل، يان تېلېفون، قۇياش ئېنېرگىيەسى، كاستۇم - بۇرۇلكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ، كەسىپ ئۆزگەرتىپ ماسكا ئىشلەپچىقاردى...

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يۇقۇم قوزغالغاندىن بۇيان، يەر شارى بويىچە جەمئىي 80 دۆلەت ماسكا، پەلەي قاتارلىق داۋالاش، قوغدىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى ياكى چەكلىدى. لېكىن جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئەڭ كەسكىن بولغان ۋاقىتتىمۇ، ئەزەلدىن بۇنداق چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقىرىپ باقمىدى. 4 - ئايدىن بۇيان، جۇڭگودا ئېكسپورت قىلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېكسپورت سوممىسى 4 - ئاينىڭ باشلىرىدىكى تەخمىنەن 1 مىليارد يۈەندىن يېقىنقى مەزگىلدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېكسپورت سوممىسى 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇقراققا يېتىپ، بىر ئاي ئىچىدە سىجىل ئۈچ ھەسسە ئاشتى. «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا نېمە ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنى ئىشلەپچىقاردۇق.» تېز سۈرئەتتە ئۇدا يۇقىرى ئۆرلەشنىڭ ئارقىسىدىكىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرداش بولۇشقا بولغان چوڭقۇر چۈشىنىشى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى قەيسەرلىك بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىدۇر.

يۇقۇمغا قارشى جەڭ تولىمۇ جىددىي، ئازراقمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇ يىل 2 - ئايدا ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەندىن كېيىن، يېقىندا، جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى تىرانسپورت − 20 يەنە « سۇمۇرغ قانىتىنى قېقىپ»، تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، پاكىستانغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇدى. دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى بولغان چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى نەچچە مىڭ چاقىرىم ئۇچۇپ، قىس ماددىي ئەشيالارنى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا يەتكۈزدى، بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق ھەرىكەت جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تىرىشچانلىقلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى «يولۇچىلار ئايروپىلانىنى يۈك تىرانسپورت ئايروپىلانىغا ئۆزگەرتىش»كە ئىلھاملاندۇرۇش، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، خەلقئارا تېز پاراخوت تىرانسپورت يوللىرىنى ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى «تەمىنلەش لىنىيەسى»نى ئۈزلۈكسىز ئاچتى؛ نۇرغۇن شەھەرلەر ئېكسپورت قىلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى يېشىل يولىنى ئېچىپ، كېلىشى بىلەنلا مەلۇم قىلىپ، تەكشۈرۈپ، تارقىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە «نۆل كۈتۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى. يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ھەر كۈنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە جىددىي ئېھتىياجلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا توشۇلدى. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى 194 دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى زور مەدەت ۋە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئادەمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشتا، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. جۇڭگو مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى، ئۆلچەم تېخىمۇ يۇقىرى، تەكشۈرۈش تېخىمۇ قاتتىق بولدى. ۋەقەنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەربتىكى بىر قىسىم كىشىلەر كۆپتۈرگەن ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى»نىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئۆلچىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئىشلىتىش ئادىتىنىڭ پەرقلىق بولۇشى، ھەتتا مەشغۇلاتنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. شۇنداقتىمۇ، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ھاياتلىققا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، بىر ئاي ئىچىدە ئۇدا ئىككى قېتىم سىياسەت چىقىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئېكسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق ھالقىلاردا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلمەيدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە كۈچ قوشۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پۈتۈن يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەم بىر مەيدان پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ھەم بىر مەيدان ماددىي ئەشيا كاپالىتى جېڭى. بۇ مەيدان جەڭدە «جۇڭگودا ياسالغان» ئۇرۇش ھالىتى ۋە ئۈنۈمى بىلەن پۈتۈن يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش، داۋالاش زاپىسىنى تولۇقلاپ، ئىنسانلارنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن بولغان بۇ مەيدان كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش