تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ لاگېر تۈرى پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېزلىتىلدى

«سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش»نى ھەل قىلىش

شىنجاڭ لاگېر تۈرى پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېزلىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىننىڭ شىنجاڭ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، «سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش»نى ھەل قىلىپ، شىنجاڭدا «سەيلە ساياھىتى»دىن «تەسىرات ساياھىتى»گە ئۆتۈش ۋە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، شىنجاڭ لاگېر تۈرى پىلانىنى يولغا قويغان.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، رايون شارائىتى ئۆزگىچە، ئوخشىمىغان جايلارنىڭ مەنزىرە ئالاھىدىلىكى قويۇق، ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رايون. لېكىن، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى يەنىلا كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، %90تىن ئارتۇق مەنزىرە رايونى تېخىچە سەيلە ساياھىتى ئەندىزىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە، شىنجاڭ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى شىنجاڭ لاگېر تۈرى پىلانىنى يولغا قويۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا، ئاپتوموبىل ھەرىكىتى لاگېرى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى لاگېرى، دالىدا قونۇش لاگېرى، ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى بازىسى، قار - مۇز ھەرىكىتى لاگېرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن 60 لاگېر ئۇنىۋېرسال گەۋدە تۈرىنى قۇرماقتا، ئورۇنلاشتۇرماقتا.

شىنجاڭ لاگېر تۈرى پىلانىدا دۆلەتنىڭ ئاپتوموبىلنى ئۆزى ھەيدەش ھەرىكىتى لاگېرىنىڭ يېڭى كەسىپ ئۆلچىمى پەرقلەندۈرۈش ئاساسى قىلىنىپ، لاگېرنىڭ تەنھەرىكەت، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بۆلىكى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستېمال ياتاقلىق بۆلىكى، دالىدا قونۇش بۆلىكى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش رايونى بۆلىكى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. لىنىيە شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال، ئوتتۇرا ھەم ئۈرۈمچى لىنىيەسىگە بۆلۈندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى لىنىيەسىدە داۋانچىڭ لاگېرى، نەنشەن لاگېرى، شىنجاڭ يەندى ئاپتوموبىل تەنتەربىيە باغچىسى، ئۈرۈمچى شىرېنگوۋ لاگېرىنى بەرپا قىلىش پىلانلاندى.

«پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى مەنزىرە رايونى ئەتراپى، مۇھىم قاتناش لىنىيەسى تۈگۈنىنى تاللاپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇنىۋېرسال ساياھەت قىلىش لاگېرىنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش شىنجاڭدىكى سەپەر ئۇزۇن بولۇش مەسىلىسى ھەمدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بازىرىدىكى <ئاغرىش نۇقتىسى>نى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بوشلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى شىنجاڭ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ خۇڭجياڭ.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىپ تەشكىللەپ قۇرغان ساياھەتنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان تۇنجى دۆلەت سېلىنما شىركىتى، شۇنداقلا دۆلەت مۈلكى ئارقىلىق ساياھەت كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەبلەغ سېلىش - يۈرۈشتۈرۈش، كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تىجارەت باشقۇرۇش، سىياسەتنى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش