تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ خۇيمېي، تاڭ باۋشى، مېھرىبان خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى رايون ئورنى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق باشقا جايلاردىكى كارخانىلارنى پائال جەلپ قىلىپ ماكانلاشتۇردى ھەمدە كارخانىلارنى ياخشى سودا مۇھىتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، ھەرقايسى يېزا-بازاردىكى ئاممىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.
5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرلار بۇ ناھىيەنىڭ ئىككىسۇ يېزىسى توغراقلىق كەنتىدىكى ياپەي ئۆي جاھازىلىرى زاۋۇتىغا كىرىپ، ئىشچىلارنىڭ تىككۈچىلىك، پىچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇراشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى. زاۋۇت ئەمدىلا قۇرۇلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ئوبۇل بۇ يەرگە ئىشقا چۈشۈپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، ئۇ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغانىكەن، ئۆزى تىرىشسىلا، تۇرمۇشىنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى.
ئۆي جاھازىلىرى زاۋۋۇتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇى زاۋۇتتا ھازىر 70 نەچچە ئىشچى بار بولۇپ، ھەممىسى شۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن سېتىلىش مىقدارىغا ئاساسەن، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ياپەي ئۆي جاھازىلىرى زاۋۇتىدا ھازىر ئىلغار ئۆي جاھازىلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك پىششىقلاپ ئىشلەش سىستېمىسى بار بولۇپ، مەھسۇلات لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە مۇلازىمەت بىر گەۋدە قىلىنغان، «باش ئىشتاب+يېزا-كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخى+دېھقان»دىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، مەھسۇلات شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلدى. كارخانا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش شارائىتى يوق كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا يەتكۈزدى.