تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چېڭدۇدىن ھەرقايسى سۇلالىلەرگە تەۋە 6000دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرە بايقالدى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، چېڭدۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، بەش يىللىق قېزىش ئارقىلىق، ئارخېئوگىيە خادىملىرى چېڭدۇ شەھىرى شىنچۈەن يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا باغچىسى تۈرىنىڭ 10.34 كىۋادرات كىلومېتىرلىق باغچە رايونىدا زور مىقداردىكى قەدىمكى سۇلالىلەرگە دائىر ساقلانمىلارنى بايقىغان.

  بۇ قەدىمكى سۇلالىلەردىن ساقلىنىپ قالغان بۇيۇملارنىڭ يىل دەۋرىنى 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىگە سۈرۈشكە بولىدىكەن، بۇ يەردە 6000دىن ئارتۇق قەبرە بار بولۇپ، جەنگو دەۋرىدىن تاكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى يەنە زور مىقداردىكى ساپال، فار-فۇر بۇيۇم، مىس، قاشتېشى، ئەينەك قاتارلىق يادىكارلىقلارنى قېزىپ چىققان.

  جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يىتوڭ خەۋىرى، فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش