باش يازدا، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقى بۈگۈر بۆلىكىنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق بولۇپ، مىڭ يىللىق توغراق بىلەن يۇلتۇزلۇق ئاسمان بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، بىپايان گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى.
شىنجاڭدىكى توغراقلىقلار ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ۋە تارىم دەرياسى ۋادىسىغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراق بايلىقى كۆلىمى 15 مىليون مو بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت توغراق كۆلىمىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىزدىكى تەبىئىي توغراق ئەڭ مەركەزلەشكەن، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە رايون، شۇنداقلا كىلىماتنى تەڭشەيدىغان، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان، دەريا يوللىرىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، بوستانلىقلارنى قوغدايدىغان، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئىنتايىن قۇرغاق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان «يېشىل كارىدور»دۇر.
توغراق تەبىئەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا ھايات قالغان ئىنتايىن قىممەتلىك دەرەخ تۈرى. ئۇنىڭ قۇرغاقچىلىققا، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرۇش، شورغا چىداملىق بولۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ، قۇملۇقتا كۆپىيىپ كەلگەن، «قۇملۇق قەھرىمان دەرىخى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن توغراق توغرىسىدا «توغراق مىڭ يىلغىچە قۇرۇمايدۇ، قۇرۇسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دېگەن رىۋايەت تارقىلىپ كەلگەن.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى