شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىشتىكى «ئىككى تور» بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى — توقسۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى تۈر قۇرۇلۇشىغا 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇل سېلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرگە 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 56 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئىكەن. بۇ تۈردە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ خاس باغۋەنچىلىك بايلىقى ئەۋزەللىكى مەۋقە قىلىنىپ، «تور ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى + ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىكى توپ سېتىش سودا بازىرى»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە، توردا ۋە تور سىرتىدا سودىلىشىش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇلازىمەتلەر قانات يايدۇرۇلىدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يېڭى پېتى ساقلاش، ئامباردا ساقلاش كۆلىمى 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، 200 مىڭ مولۇق زاكاز بازىسىغا تۈرتكىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كەنت قۇرغان زاۋۇتتىن 100گە تۈرتكىلىك مۇلازىمەت قىلىدىكەن. تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ(ئاقسۇ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى مۇھىم تايىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، شىنجاڭ ياڭاق(ئاقسۇ) توپ سېتىش بازىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ھالىتى شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى چېن خەيتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى تەرەققىياتى، شۇنداقلا شۇنداقلا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتىكى نۇقتىلىق تۈر، بۇنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سالمىقى زور، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئاقسۇدا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتى بازىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.