تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۆكتوقاي ناھىيەسى: خاس باقمىچىلىق كەنت ئاھالىسىنى بېيىتتى

   تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كۆكتاقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ قارا تۆڭگە بازىرى قىزىلقۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى جاڭ يۇڭجىنىڭ كەپتەر لاپىسىدا كەپتەر باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، كەنت ئاھالىلىرى نەق مەيداندا كەپتەرنىڭ تۈرى، ياشاش مۇھىتى ۋە بېقىش، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى زور كۈچ بىلەن خاس باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ھەرىكەت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 15 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى كەپتەر باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىگەن. 2018-يىلى جاڭ يۇڭجى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، لاپاستا كەپتەر بېقىشنى سىناپ كۆرۈپ، باققان كەپتىرى دەسلەپكى نەچچە ئوندىن ھازىرقى نەچچە يۈزگە كۆپەيدى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى