تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دوڭمېي، جاۋ جاڭفۇ خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، موڭغۇلكۈرە مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋېن خەيشيا «بىز موڭغۇلكۈرەنى ئاستا ساياھەت قىلىمىز»تېمىسىدىكى مەزمۇننى دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، كەڭ تورداشلارنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلىدى.
بارلىق خادىملار كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ۋېن خەيشيا تورداشلارغا مەنزىرە رايونىنىڭ خاسلىقىنى تونۇشتۇردى، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، ئۇ تونۇشتۇرغان موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ھەسەل، قۇرۇت، قېرىنسىمان موگو، ئۈستىقۇددۇس قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
ئېكرانغا ئەگىشىپ، ساياھەت تور رىياسەتچىلىرى گۈزەل، سىرلىق بالېكسۇ يايلىقىغا كېلىپ، بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگە ئوخشايدىغان 14 تاش ئادەمنى تونۇشتۇردى.
ئالتە يولدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېكرانىدا كەڭ تورداشلارغا موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى تونۇشتۇرۇلدى.
بەزى تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېيىشتى: «گەرچە موڭغۇلكۈرەگە بارمىغان بولساممۇ، ئەمما مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنى كۆردۈم، پۇرسەت بولسا چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن.»
«بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش»تا شۇ جاينىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
ۋېن خەيشيانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 19ى ، 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونىدىن سەككىزى بار ئىكەن، ساياھەت بايلىقىنى «100 مىڭ، بىر مىليون، 10 مىليون» دېگەن سۆزلەر بىلەن، يەنى 100 مىڭ تۇياق تۇلپار، مىليون مولۇق قىچا گۈلى دېڭىزى، 10 مىليون مولۇق ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە يايلىقى دەپ سۈپەتلەشكە بولىدىكەن. 2019-يىلى مولغۇلكۈرە ناھىيەسى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پۈتۈن ساھەلىك ساياھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىققان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە ئىككى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، ئىككى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۈچەپ قۇرۇلىدىكەن.