تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

​كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى چوڭ ئۆزگىرىش ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىمىزنى تېخىمۇ راھەت قىلدى

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى(خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى)نىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ليەنجيەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 1-قۇرۇلۇش سۇ ئېلېكتر ئەترىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئىسسىق ساقلاش تېمى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر مو مىن خەۋىرى، فوتوسى): 60 ياشلىق يۈ گۇي 1-قۇرۇلۇش سۇ ئېلېكتر ئەترىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا تۇرۇۋاتقىلى 30 نەچچە يىل بولدى. ھويلىدىكى سۇ تۇرۇبىسى، پار، پولات دېرىزە كونىراپ كەتكەن بولۇپ، ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغانىدى. 2018-يىلى، شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى(خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى)نىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ليەنجيەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يەرگە كېلىپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، 1-قۇرۇلۇش سۇ ئېلېكتر ئەترىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا كونا ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىش شىركىتىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى يەتتە بىناغا ئارقا-ئارقىدىن ئۆگزىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ۋە سىرتقى تامغا ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى ياساتقۇزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى