تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدە 10 نەچچە مىڭ تۈپ قار لەيلىسى مايسىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن يې خەۋىرى، فوتوسى): بىر يىلدىن كۆپرەك سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش ئارقىلىق، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۇردېنىن بازىرىدا 10 نەچچە مىڭ تۈپ قار لەيلىسى مايسىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلدى، ھازىر ئېتىزغا كۆچۈرۈپ تىكىش تاماملاندى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان كۇردېنىن بازىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1100 مېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55 مىڭ مو بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئېتىزى مۇنبەت، ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى تىيانشان يىبېي(天山伊贝)، قانتېپەر(党参)، قار لەيلىسى قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى ماس كېلىدىكەن. كۇردېنىن بازىرى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ساياھەتچىلىككە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، 20 مىڭ مو يەردىكى سوغىگۈل(贝母) تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئەلا سۈپەتلىك قار لەيلىسى تېرىشنى سىناق قىلغان ھەمدە «قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتكەن.

  كۇردېنىن قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چاڭخۇا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بىز بۇلتۇر 5-ئايدا كۇردېنىن بازىرىغا بېرىپ نۇقتا تاللىدۇق، بىر قىسىم يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشقا باشلىدۇق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم تېرىش، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى 10 نەچچە مىڭ تۈپ قار لەيلىسى مايسىسىنى ئەي قىلدۇق».

  «بىز بۇ 10 نەچچە مىڭ تۈپ قار لەيلىسى مايسىسىنى ئېتىزلىققا كۆچۈرۈپ تىكتۇق، ھازىر بۇ مايسىلارنىڭ ئۆسۈشى كۆزىتىلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، 2020-يىلى يەنە 100 مودىن ئارتۇق يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، مايسا يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتتۇق، كېيىنكى مەزگىلدە، قار لەيلىسى تېرىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىمىز» دېدى ۋاڭ چاڭخۇا.

  قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش خىزمىتى ئەتراپتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، كەنت ئاھالىسى مۇراتجان «قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى»دا ئىشلىگىلى يېرىم ئاي بولدى. مۇراتجان بۇ يەردە كۈنىگە 150 يۈەن پۇل تاپالايدىغان بولدى ھەمدە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى. «ھازىر مەن بۇ يەردە تېخنىكا ئۆگىنىۋاتىمەن، تېخنىكىغا پىششىق بولغاندىن كېيىن، ئائىلەمنىڭ ئېتىزلىقىغا قار لەيلىسى تېرىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن» دېدى مۇراتجان.

  ئىگىلىنىشىچە، سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈلگەن قار لەيلىسىنىڭ دورىلىق قىممىتى ياۋا قار لەيلىسى بىلەن تەڭ، ئەمما ئۆسۈش دەۋرى ياۋا قار لەيلىسىنىڭكىدىن قىسقا بولۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا قار لەيلىسى يېتىشتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتكەن، يەنە ياۋا قار لەيلىسى بايلىقى ئۈنۈملۈك قوغدالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، كۇردېنىن بازىرى قار لەيلىسى تېرىش كۆلىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساسىدا، دېھقان-چارۋىچىلارنى قانتېپەر، كەتىرا(黄芪)، قىزىلمارال(红景天)، ئەڭلىكئوت(紫草) قاتارلىقلارنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، نۇقتىلىق ھالدا تېرىقچىلىق قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشى ۋە ناھىيە بويىچە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۇردېنىن بازىرىنى تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىچە ئىقتىسادىي دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق چوڭ بازىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى