تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن 10–شى بېيتۈن ۋوگزالى ساقچىخانىسى تۆمۈريول بىخەتەرلىك تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

   5-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شى بېيتۈن ۋوگزالى تۆمۈريول ساقچىخانىسى تۆمۈريولنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش بىخەتەرلىكى، يول سىرتى بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت، تىنچ-ئامان تۆمۈريول بەرپا قىلدى.


    بېيتۈن ۋوگزالى تۆمۈريول ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى پويىز كۈتۈش زالى ۋە ۋوگزال ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردە تەشۋىقات ۋەرىقى تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق تۆمۈريولنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈردى، ئومۇميۈزلۈك جانلىق ھالدا بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى ھەمدە كەڭ يولۇچىلار ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى، مۇداپىئە تورىنى بۇزۇشقا، ئاتلاپ ئۆتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريولدا مېڭىشنىڭ قاتتىق مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى، تۆمۈريول ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئۇنى ئوغرىلايدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى، تۆمۈريول بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئورتاق قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

   يولۇچى جاڭ يۈلې مۇنداق دېدى: «بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلگىرى تۆمۈريول بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەنىدىم، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى تەشۋىقاتى ئارقىلىق، مەن تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋالدىم، ھاياتلىق ئىنتايىن قىممەتلىك. بۇنىڭدىن كېيىن مەن يول ئاسراش، يولنى سۆيۈش ئېڭىمنى ئۆستۈرۈپ، يول ئاسراش، يول سۆيۈش ئاڭلىقلىقىمنى ئاشۇرىمەن. 

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى