تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

يۈز تۇرا مۇلازىمەت قىلىنىپ، مەسىلە ھەقىقىي ھەل قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، بىڭتۇەن 6- شى 103- تۇەن 8- ليەن پارتىيە ياچېيكىسى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چېن ۋېيشياڭ بۇ ليەندىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى ما جىنسەينىڭ قوغۇنلۇقىغا كېلىپ، قوغۇن مايسىلىرىنى چاتاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  بۇ يىل، 103 ـ تۇەندە 114 مىڭ مو كېۋەز، 28 مىڭ مو قوغۇن، 20 مىڭ مو شوخلا تېرىلدى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ  تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئېتىزلاردا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوت ئوتاپ توپا يۆلىسە، بەزىلىرى قوغۇن مايسىلىرىنى چاتاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغاندىن بۇيان، 103- تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيلىرى پارتىيە ياچېيكا كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە يۈزتۇرا مۇلازىمەت قىلىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قەرز ئېلىش كەسپىنى بېجىرىشىگە ياردەم بەردى؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى سەپلەش، ماشىنىغا ئەگىشىپ مەشغۇلات قىلىش، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ سولياۋ يوپۇق يېپىش، ئۇرۇق سېلىشىغا، ئەمگەك كۈچى كەمچىل تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشىغا ياردەم بەردى. تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بەردى.

  5 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، بۇ تۇەن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئېتىز پەرۋىشى نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، دېھقانلارغا كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەرقايسى ليەندۈيلەردىكى ئۆسۈملۈك ئاسرىغۇچىلار، تېخنىكلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى مايسا چىقىرىش، كولتىۋاتسىيە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال يېتەكلەپ، كېۋەزنىڭ يىلتىز سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى