تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ماناس چوڭ راكى «ئايروپىلان» ئارقىلىق قەشقەرگە توشۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

ئاۋسترالىيە قىتئەسى تاتلىق سۇ چوڭ راكى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ ۋېنبىن خەۋىرى، فوتوسى): شىمالدا تۇغۇلۇپ، جەنۇبتا چوڭ بولۇش، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى شىنخۇپىڭ سۇ ئامبىرى ئاۋسترالىيە قىتئەسى تاتلىق سۇ چوڭ راكى بېقىش بازىسىدا تۇغۇلغان بىر تۈركۈم راك بېلىجانلىرى «ئايروپىلان»غا ئولتۇرۇپ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى باقمىچىلىق بازىسىغا كۆچۈپ كەلدى. بۇ قېتىملىق كۆچۈش بۇ بىر تۈركۈم ئاۋسترالىيە قىتئەسى چوڭ راكلىرىنى بىر ئاي بۇرۇن بازارغا سېلىپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر تۈركۈم باقمىچىلىق تېخنىك ئىشچىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  «ياتاق-تاماقنى كۆتۈرۈپ، بىر ئايدا يەنە 2000 يۈەن كىرىم قىلالايمىز، مېنىڭ خىزمىتىم چوڭ راك بېقىش، تازىلىق قىلىش، ئاڭلىماققا ئاددىيدەك تۇرغان بىلەن، ئەمما تېخنىكا تەەپ قىلىدۇ، ياخشى باقالماي قالساق، چوڭ راك ئاغرىپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ.» 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئادىل ياسىن شۇنداق دېدى.

ئادىل ياسىن چوڭ راك بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە.

  31 ياشلىق ئادىل ياسىن قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى دۆڭباغ يېزىسى پايپاڭ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، «ئىلگىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەر تېرىپ كەلگەنىدۇق، كىرىمىمىزمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى» ئۇ ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، لېكىن چىقىش يولى يوقلىقىدىن بېشى قاتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  پۇرسەت 2019-يىلى كەلدى. دۆڭباغ يېزىسى پايپاڭ كەنتىنىڭ سۇ بايلىقى بول بولۇپ، باقمىچىلىققا ئىنتايىن ماس كېلەتتى. 2019-يىلى، شۇ جاي ماناس ناھىيەسىدىن ئاۋسترالىيە قىتئەسى تاتلىق سۇ چوڭ راكى باقمىچىلىق تۈرىنى كىرگۈزۈشنى قارار قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى چوڭ راك بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىمەكچى بولدى.

  قانداق قىلغاندا چوڭ راكنىڭ يەكەندىكى كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا «شىركەت + بازا + دېھقان»گە تايىنىش كېرەك. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ماناس ناھىيەسى خۇڭخۈي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنخۇپىڭ بازىسىدا ئۆزلىرى كۆپەيتىپ، ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن چوڭ راك بېلىجانلىرىنى يەكەندىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بېقىشىغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدۇ، دېھقانلار چوڭ راكنى يېتىشتۈرگەندىن كېيىن، شىركەت يىغىۋېلىپ سېتىشقا مەسئۇل بولىدۇ. نامرات ئاممىنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، شىركەت باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە پۈتۈن جەريانلىق تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ تۆۋەن خەتەرلىك باقمىچىلىق قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئاۋسترالىيە قىتئەسى تاتلىق سۇ چوڭ راكلىرىنىڭ ئىلمىي نامى قىزىل راك بولۇپ، ئەسلى ماكانى ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا يېتىشتۈرۈلىدۇ، تەمى مەززىلىك. ھازىر، ئاۋسترالىيە قىتئەسى تاتلىق سۇ چوڭ راك باقمىچىلىقى شىنجاڭدا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقاچقا، باقمىچىلىق مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى