تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاستا رېتىمدا مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش! قېچىر ھارۋىسى ئەترىتى قۇمتاغ قۇملۇقىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى!

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ جىڭ، ۋاڭ چيەنچيەن خەۋىرى، فوتوسى): قىزىل رەڭلىك سايىۋەن جۇلالىنىپ، مۇزىكا شادىمان رېتىمدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قېچىرلار جۇشقۇن قەدەملەر بىلەن تاقىلداپ كېتىۋاتاتتى ... 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ كوچىسىدا بىر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قېچىر ھارۋىسى ئەترىتى بەلگىلەنگەن لىنىيەدە كېتىۋاتاتتى. ھەر قېتىم باشقىلار ھارۋىغا ئولتۇرماقچى بولغاندا، «ھارۋىكەش» ئۇلارغا «ماسكىنى ياخشى تاقاپ، ئاندىن ھارۋىغا چىقىڭلار» دەپ ئەسكەرتەتتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دائىملاشقان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، خاس ھارۋا ئەترىتى ساياھەتچىلەر ۋە پىيادىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قاتناش قورالى بولۇپلا قالماستىن، ناھىيە بازىرىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

  ئېشەك ھارۋىسى، قېچىر ھارۋىسى ئىلگىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ كەنتلىرىدىكى ئاساسلىق قاتناش قورالى ئىدى، جەمئىيەت، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پىچان ناھىيەسى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، قۇمتاغ قۇملۇقىنى باش قىلغان مەنزىرە رايونى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆتمۈشتىكى ئېشەك ھارۋىسى ۋە قېچىر ھارۋىسىنىڭ «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش» ئارقىلىق، پىچان ناھىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس قېچىر ھارۋىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  پىچان ناھىيەسىنىڭ قېچىر ھارۋىسى ئەترىتىدە نۆۋەتتە يەتتە ھارۋا بار بولۇپ، بەلگىلەنگەن لىنىيە قۇمتاغ قۇملۇقى مەنزىرە رايونى ۋە پىچان ناھىيە مەركىزىي مەيدان ئارىلىقى بولۇپ، ئاساسلىقى ساياھەتچىلەر ۋە پىيادىلەرنى توشۇشقا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر بولۇپ، يول يۈرۈش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 19:30دىن ئەتىسى سائەت 0:00گىچە. قول پۇلاڭلاتسىلا توختايدۇ، چوڭلارغا بىر ئادەم ئۈچ يۈەن، 1.2 مېتىردىن پاكار بالىلارغا بىر يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. «قېچىر ھارۋىسى بەك ئالقىشقا ئېرىشتى، مەن ئۇنىڭغا دائىم ئولتۇرىمەن، ئۇ ماڭا ئاستا رىتىمدا پىچان ناھىيەسىنىڭ شەھەر مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.»  دېدى ئاھالە جاڭ بېيلىڭ.

  پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋاڭ لېينىڭ ئېيتىشىچە، پىچان ناھىيەسى ساياھەت شەھىرى، قېچىر ھارۋىسى ئەترىتى پىچان ناھىيەسىنىڭ خاس ھارۋا ئەترىتى بولۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقان، شۇ سەۋەبتىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن لىنىيەدە يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان، ئەمما چوقۇم قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك ئىكەن. «ھارۋىكەش» ئەخمەت غوپۇرنىڭ دېيىشىچە، ماجرا تېرىماي، خېرىدار تالاشماي، ئىناق ئۆتۈپ، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىدىكەن، يولۇچىلارنى ماسكا تاقاشقا ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن.

  پىچان بازىرى بازار كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئىمىر ئەيسا ئايالى ئايگۈل قادىر بىلەن كۈندۈزى نان يېقىپ، ئۈزۈم تىكىپ، كەچتە ھەرقايسىسى بىردىن قېچىر ھارۋىسىنى ھەيدەپ خېرىدار تارتىپ پۇل تاپىدۇ. ئىمىر قېچىر ھارۋىسىغا ئۆزگىچە سايىۋەن ئورناتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھارۋىسى تېخىمۇ جۇلالىق ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولدى. قىزىل چىراغتا توختاش، يېشىل چىراغتا مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە مېڭىش ... ئەر-ئايال ئىككىيلەن قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىدۇ.

  قېچىر ھارۋىسى ئەر-ئايال ئىككىيلەننى بېيىش يولىغا ئېلىپ ماڭدى. قۇمتاغ قۇملۇقى ئەتراپىدىكى پىچان كەنتىنىڭ ئۆزىگە خاس پۇقراۋى قونالغۇلىرى بار بولۇپ، قونىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپ ئىدى، بۇ يەر بۇ ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ دائىم خېرىدار تارتىدىغان ئاساسلىق جايىدۇر. ئايگۈلنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى قېچىر ھارۋىسىدا ھەر كۈنى كەچتە 300 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدىكەن، ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىللىرىدە، ئىككى قېچىر ھارۋىسىدا بىر كېچىدىلا مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى